|
مەن 21 – ئىيۇندىن 22 – ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ سودا ساراي ۋە تاللا بازارلىرىدا، ‹‹سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› ئېلىپ كەلگەن روشەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم.
دوستلۇق ‹‹بەيشېڭ›› تاللا بازىرىدىكى پۇل ئېلىش ئورنىدا، نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىش خالتىسى ھەقلىق ئىشلىتىلىدۇ، كونكرېت ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە: چوڭ خالتا 0.4 يۈەن بولۇپ، سەككىز كىلوگرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرىدۇ؛ ئوتتۇراھال خالتا 0.3 يۈەن بولۇپ، سەككىز كىلوگرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرىدۇ؛ كىچىك خالتا 0.2 يۈەن بولۇپ، سەككىز كىلوگرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرىدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكىنىڭ ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. پۇل ئېلىش ئورنىدا چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان سۇلياۋ خالتىلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، 1 – ئىيۇندىن ئىلگىرىكىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى ھازىر بۇ سۇلياۋ خالتىلارغا ھەق ئېلىناتتى.
‹‹ياخشى يۇرت›› تاللا بازىرىنىڭ بىر خىزمەتچىسى ماڭا مۇنداق دېدى: تاللا بازىرىمىزغا ھازىر كىرگۈزۈلگەن ھەق ئېلىنىدىغان سۇلياۋ خالتىلارنىڭ سۈپىتى بۇرۇنقىدىن خېلىلا ياخشى ۋە پۇختا، بىر خالتىغا بەش – ئالتە كىلوگرام نەرسە قاچىلىغىلى بولىدۇ، ئىلگىرى بۇنداق ئېغىرلىقتىكى نەرسىگە چوقۇم بىر خالتىنى ئارتۇق بېرەتتۇق؛ ئىلگىرى بىر خالتىنى بىر – ئىككى قېتىم ئىشلەتسىلا يىرتىلىپ كېتەتتى، ھازىر بىر خالتىنى بىر قانچە قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
‹‹ئەيجيا›› تاللا بازىرىنىڭ دوستلۇق دۇكىنىدىكى خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى ماڭا مۇنداق دېدى: تاللا بازىرىمىزنىڭ ماتېرىيال سەرپىياتى ئىلگىرى يىلدا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتەتتى، يەنە ئۈستىمىزدىن قىلىنغان ئەرزلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق، ھازىر ئويلاپ باقساق، بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتىمۇ كۈلكىلىك ئىكەن: خېرىدارلار نەرسىلىرىنى قاچىلاشقا بەرگەن سۇلياۋ خالتىلارنى ئاز بولۇپ قالدى دەپ قاراپ قايتا سوراپ ئالاتتىكەن . ئىلگىرى ھەر كۈنى چوڭ، ئوتتۇراھال، كىچىك سۇلياۋ خالتىنىڭ ھەر قايسىسىدىن ئاز بولغاندا ئۈچ باغلامدىن كۆپرەك تارقىتاتتۇق، ھەر باغلامدا يۈز سۇلياۋ خالتا بار ئىدى. ھازىر پۇل ئالغۇچىلار ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئارانلا 30 دىن كۆپرەك سۇلياۋ خالتا ساتىدۇ، تاللا بازىرىمىزنىڭ سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازايدى. سۇلياۋ خالتىنى ھەقلىق ئىشلىتىش توغرىسىدا توختالغاندا ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: بۇمۇ كۆپچىلىكنىڭ سۇلياۋ خالتىنى ئازراق ئىشلىتىپ، مۇھىتنى ئاسرىشى ئۈچۈن، دېدى.
‹‹يىجيا›› تاللا بازىرىدا مەن كۈندىلىك لازىمەتلىكلەردىن ئازراق سېتىۋالدىم، مال ساتقۇچى مېنىڭدىن: سۇلياۋ خالتا كېرەكمۇ؟ دەپ سورىدى، مەن ئۇنىڭدىن ھەقسىزمۇ دەپ سورىغاندا، مال ساتقۇچى: ياق، چوڭى ئۈچ مو، كىچىكى ئىككى مو دەپ جاۋاب بەردى. مەن سېتىۋالغان نەرسىلىرىمنى ئۆزۈم تەييارلىۋالغان مۇھىت ئاسراش خالتىسىغا قاچىلىدىم.
‹‹1 – ئىيۇن جياڭيۇ زاۋۇتى›› تاللا بازىرىدا شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئادەم باس – باس بولۇپ كېتىدىكەن، تاللا بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ يۈ ماڭا: 1 – ئىيۇندىن باشلاپ، بىزنىڭ بۇ يەردە ھەقىقەتەن چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھازىر ھەر كۈنى تەخمىنەن 2000 ئەتراپىدا ھەقلىق سۇلياۋ خالتا، توقۇلمىسىز رەختلىك خالتا تۈگەۋاتىدۇ. ئىلگىرى سۇلياۋ خالتا ھەقسىز چاغدا، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى 20، 30 مىڭ سۇلياۋ خالتا تۈگەيتتى، ھازىر سۇلياۋ خالتىنى ئىشلىتىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئازايدى، دېدى. ئۇ خۇشال بولغان ھالدا يەنە: ھازىر بىز ئەڭ بىۋاسىتە مەنپەئەتلەنگۈچى، سۇلياۋ خالتا تەننەرخىنىڭ تېجىلىش سوممىسىلا ناھايىتى كۆرۈنەرلىك. ئىلگىرى مال كىرگۈزگەندە سۇلياۋ خالتىنىڭ پاكىزلىق مەسىلىسىنىلا ئويلىشاتتۇق، ھازىر مال كىرگۈزگەندە دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلەمدۇ – كەلمەمدۇ؟ قېلىنلىقى ئۆلچەمگە توشامدۇ – توشمامدۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىشىدىغان بولدۇق، دېدى.
|