باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
‹‹كۈسەن مىڭ ئۆي تام رەسىملىرى››ئالاھىدە پوچتا ماركىسى 6 – ئىيۇلدىن باشلاپ تارقىتىلىدۇ
2008- 07- 01 10:43 تەڭرىتاغ تورى

    ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى : 30 – ئىيۇن ئاقسۇ مەدەنىيەت – سەنئەت مەركىزىدە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشچە ، دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ‹‹كۈسەن مىڭ ئۆي تام رەسىملىرى››ئالاھىدە پوچتا ماركىسى 6 – ئىيۇلدىن باشلاپ تارقىتىلىدىكەن .  

    ‹‹كۈسەن مىڭ ئۆي تام رەسىملىرى ›› ئالاھىدە پوچتا ماركىسى كۈسەن مىڭ ئۆي سەنئىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىپ ، مىڭ ئۆيدىكى ئىنتايىن گۈزەل ، خىلمۇ – خىل تام رەسىملىرىنىڭ مەزمۇنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن . بۇ ئالاھىدە پوچتا ماركىسى تۆت دانە بولۇپ ، ھەر بىرسىنىڭ باھاسى 1.2 يۈەن ئىكەن .

     ‹‹كۈسەن مىڭ ئۆي تام رەسىملىرى ››ئالاھىدە پوچتا ماركىسىنىڭ تارقىتىلىشى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۈسەن مەدەنىيىتى ماركىسىنى يارىتىپ ، ئاقسۇنى خەلقئارالىق ساياھەت ئورنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ‹‹كۈسەن ئاقسۇ›› ، ‹‹ئاقسۇ كۈسەن››نى  تونۇتۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ .

تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇخبىرلىرى خىزمەت ئۈستىدە

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ