باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى16مىليارد 598مىليون يۈەنگە يەتتى
2008- 07- 01 10:42 شىنجاڭ گېزىتى

    ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بويوملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 16مىليارد 598 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.63 ئاشتى.

    بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى بازارلار ئۈزلۈكسىز جانلاندى. شەھەرلەردە  ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى16مىليارد 590 مىليون يۈەنگە، يېزا  – بازارلاردا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 8مىليون يۈەنگە يەتتى.

    ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، يېمەك – ئىچمەكلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. بۇ مەزگىلدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چەكتىن يۇقىرى توپ، پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئىچىملىك ۋە تاماكا تۈرىدە  پارچە سېتىش سوممىسى764مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.24 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاشلىق، ماينىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %60.43، گۆش بىلەن تۇخۇمنىڭ %12.31 ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا كىيىم – كېچەك ئىستېمالىدا تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. چەكتىن يۇقىرى توپ سېتىش ۋە پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ كىيىم  – كېچەك ۋە توقۇلما بۇيۇملار تۈرىدە  پارچە سېتىش سوممىسى 1مىليارد 124مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %12.32ئاشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ