باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئىرانغا زەربە بېرىش–بەرمەسلىك يەنە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى
2008- 07- 01 10:41 شىنجاڭ گېزىتى

    غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندا ئىسرائىلىيىنىڭ ئىيۇننىڭ باشلىرىدا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى ھەم بۇ: ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلىشنىڭ رەپىتىسى، دەپ، بىر مەھەل جىمىپ قالغان ‹‹ئىرانغا زەربە بېرىش – بەرمەسلىك›› مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بارادى 20 – ئىيۇن ھەتتا: ئىران ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئىستېپا بېرىمەن دەپ تەھدىت سالدى ھەم ئۇرۇش بۇ رايونغا زور ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى. غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا كۆپ قېتىم ئىرانغا قورال ئىشلىتىش غوۋغاسى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغاچقا، بۇ مەسىلىدە ئاسانلىقچە بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ، دەپ قارالغان. بۇ قېتىم بەزى تەھلىلچىلەر ئىسرائىلىيىنىڭ 1981 – يىلى ئىراقنىڭ، بۇلتۇر سۈرىيىنىڭ ‹‹يادرو ئەسلىھەلىرى››گە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكىتى ئىرانغا ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى ‹‹ئىرانلىقلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغىمۇ بىلدۈرۈپ قويۇش››نى مەقسەت قىلغان، دەپ قارىدى. بىراق، ئىران يەنىلا چىڭ تۇردى، ھەتتا ئىسرائىلىيىنى ‹‹خام خىيال قىلىۋاتىدۇ››، دەپ مازاق قىلدى. بەزى تەھلىلچىلەر: بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر 22 – ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيادىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن نېفىت ئىستېمال قىلغۇچى دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ماي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىگە تاقابىل تۇرۇش يىغىنىدىن ئىلگىرى تارقالغان بولۇپ، پەردە ئارقىسىدىكى ئېلىشىشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، دەپ قارىدى.

    ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى مۇتەخەسسىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيىنىڭ مانېۋىر ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ئەگەر ئىران پات ئارىدا يادرو قورالىغا ئېرىشسە، ئىسرائىلىيىنىڭ ‹‹زەربە بېرىش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنىڭ بارلىقى››نى بىلدۈرۈپ قويۇش. لوندوندا چىقىدىغان ‹‹تايمىس›› گېزىتىدە 21 – ئىيۇن ئىسرائىلىيىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: ئىرانلىقلار بالا – قازانىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك، ئىران ئۆزىنىڭ يادرو پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى بۇ مانېۋىرنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك، دېيىلدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مەلۇم ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئارقىلىق، دۇنياغا ئەگەر دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولسا، قورال ئىشلىتىمىز دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتماقچى، ‹‹ئۇلار بىزگە، ياۋروپالىقلارغا، ئىرانلىقلارغا بۇنى بىلدۈرۈپ قويماقچى››. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 22 – ئىيۇن يەنە مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئولمېرت شۇ كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى بولغان مۇسادنىڭ باشلىقى مىئېر داگەننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۆھلىتىنى 2009 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتتى، بۇ جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىراننىڭ يادرو تىرىشچانلىقىنى بىتچىت قىلىش.

     بىراق يەنە بەزى تەھلىلچىلەر بۇنىڭدىن شۈبھىلەندى. يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە: بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيە كۆپ قېتىم ئىرانغا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزدى، بۇ قېتىمقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك زەربە بېرىش مانېۋىرى يېڭىلىق ئەمەس، دېيىلدى. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھاۋا ئارمىيە گېنېرالى جالتىس مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرى تارقاق بولۇپلا قالماي، ھەممىسى چەت، يىراق جايلارغا جايلاشقان، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇستەھكەم، ئىسرائىلىيىنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ئۇنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلغىلى بولمايدۇ.

    ئىران ئىسرائىلىيىنىڭ مانېۋىرىغا كۆرۈنۈشتە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى. ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئىلھام 21 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ ئىراننىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالىمەن دېيىشى ‹‹خام خىيال››، چۈنكى ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان. ئىراندا چىقىدىغان ‹‹شەھەر پۇقرالىرى›› گېزىتىنىڭ 22 – ئىيۇندىكى ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا بىلەن غەرب ئىسرائىلىيە ئارقىلىق ھەربىي تەھدىت ئىغۋاسىنى تارقىتىپ، كۆپچىلىكنى ساراسىمىگە سېلىپ، كىشىلەرنى شۇنداق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ پات ئارىدا يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق، ئىرانغا پسىخىك بېسىم ئىشلەتمەكچى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزلىرىنى ئۇرۇش جاۋابكارلىقىدىن قاچۇرماقچى.
    ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن     

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ