|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 29 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىچۇەندە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىق ئەمەلىيىتى مەركەزنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتقانلىقىنىڭ مول ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ۋە يۈكسەلدۈرۈشتىكى يېڭى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ ۋە قوللىنىپ، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر خىزمەتلەرنى داۋاملىق، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە قايتا قۇرۇشتا پارتىيىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى يەنىمۇ نامايان قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يۈەنچاۋ سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ چىباۋ، ئۆلكە باشلىقى جياڭ جۈفېڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا 27 – ئىيۇندىن 29 – ئىيۇنغىچە يۇشەن، پىڭۋۇ، بېيچۇەن، جياڭيۇ، دۇجياڭيەن، ۋېنچۇەن قاتارلىق ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيىلىك كادىرلار، جايلاردىن كەلگەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرىنى يوقلاپ ھەم ئۇلاردىن ھال سوراپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ يىڭشيۇ بازىرىدىكى دۆلەت يولى 213 – لىنىيىسىنىڭ راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مەيدانىدا قۇرۇلۇشچىلارنى يوقلىدى ھەم ئۇلارنى تېخىمۇ زور غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، بۇ يولنى بالدۇرراق راۋانلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا ئۇ قاتار تىكىلگەن چېدىر ۋە رەت – رەت قۇرۇلغان قۇراشتۇرما ئۆيلەرگە بىرمۇ بىر كىرىپ، ئاممىنىڭ تاماق يېيىش، نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىش، كېسەل كۆرسىتىشىنىڭ قۇلايلىق – قۇلايلىق ئەمەسلىكىنى، يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى تەپسىلىي سورىدى. پىڭۋۇ ناھىيىسىنىڭ پىڭتۇڭ بازىرىدىكى ۋاقىتلىق سېلىنغان باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە بېيچۇەن ناھىيىسى گۈيشى يېزىسىنىڭ يۇڭلى كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە؛ ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن سىرت ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى سوۋغا قىلىپ، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا تىرىشىپ ئوقۇپ، چوڭ بولغاندا ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ يۇرت – ماكانىنى ياخشى قۇرۇش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.
شى جىنپىڭ بارغانلىكى يېرىدە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا پارتىيە تەشكىلاتى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى جىددىي ھەرىكەتلىنىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئېغىر ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى››، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى››، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى›› قاتارلىق ئەترەتلەرنى قۇرۇپ، قىيىن ئەھۋالدا مۇستەھكەم ئىستىھكام ھاسىل قىلىپ، ئېغىر ئاپەت ئالدىدا تىز پۈكمەسلىك، باش ئەگمەسلىكتەك شانلىق ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، ئاممىنىڭ مەدھىيىسىگە ئېرىشتى. مۇشۇنداق ئېغىر ئاپەت ئالدىدا ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇستەھكەملىكى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، ئاساسنى ياخشى سېلىش تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ھەر قانداق ۋاقىتتا بۇنىڭغا سەل قاراشقا، بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قايتا قۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بازا قۇرۇلۇشى، بەنزە قۇرۇلۇشى، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش؛ قەيەردە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بولسا شۇ يەردە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى بولۇش؛ پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى، پارتىيە خىزمىتى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيىۋىلىكىنى چېنىقتۇرىدىغان ئەمەلىي دەرسخانا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئىلغارلاردىن ئۆگىنىشكە، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىشقا، تەدبىر كۆرسىتىشكە تەشكىللەپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ 29 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە مەركەزدىكى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق ئالاھىدە مۇھىت ۋە ئاچقۇچلۇق پەيتتە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تېخىمۇ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككى قولدا تۇتۇش›› تا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يەنە بىر قولدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: سىچۇەن ئولىمپىك مەشئىلى بېيجىڭغا يەتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن يەتكۈزۈلىدىغان ئاخىرقى ئۆلكە، شۇڭا بىخەتەر، ۋاقتىدا، ئوڭۇشلۇق بولۇش تەلىپى بويىچە كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، مەشئەل يەتكۈزۈشنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ئو ت م بىلەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە ئورتاق نامايان قىلىنغان ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ئۆز ئارا كۆيۈنۈش ۋە توختىماي ئىلگىرىلەش روھىنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلققە يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، بۇنداق روھنى مەشئەل يەتكۈزۈش ئارقىلىق بېيجىڭغا ئېلىپ كىرىپ، بېيجىڭ ئو ت م دە جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
تەكشۈرۈش مەزگىلىدە شى جىنپىڭ يەنە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى تەقدىرلىگەن سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
|