باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق باج تاپشۇرۇدىغان كارخانا 607 گە يەتتى
2008- 07- 01 10:33 تەڭرىتاغ تورى

        ئۆز خەۋىرىمىز: ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان باج مەنبەسىنى تەكشۈرۈش سانلىق سىتاتىستىكىسىدا  كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە يىلىغا بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق باج تاپشۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ  سانى 607 گە يەتكەن.

      2007–يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق باج تاپشۇرغان كارخانىلارنىڭ ئومۇمى باج سوممىسى 3 مىليارد 239 مىليون يۈەن بولۇپ ، 2006–يىلىدىكىدىن 400 مىليون 260 مىڭ يۈەن كۆپەيگەن. بۇ ئاساسلىقى پۇل–مۇئامىلە ، خەلق ئاۋىئاتسىيىسى ، ئۆي–مۈلۈك كەسپى،  تېلېگراف ، نىفىت ، پولات–تۆمۈر، ئېلېكتر–ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە تارقالغان.  باج تاپشۇرۇش سوممىسى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانىدىن ئىككىسى بار بولۇپ ، ئۇلار جۇڭگو جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ۋە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىدىن ئىبارەت.     

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ