باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش–ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان ئۆسمۈرلەر››نى تەقدىرلەش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 07- 01 10:32 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان ئۆسمۈرلەر›› نى تەقدىرلەش كېچىلىكى 27 – ئىيۇن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن تەقدىرلەش كېچىلىكىگە قاتناشتى ھەم ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان ئۆسمۈرلەر›› گە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتكۈل جەمئىيەتتە  ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان ئۆسمۈرلەر›› نىڭ تەسىرلىك ئىش – پائالىيەتلىرى ۋە ئالىي پەزىلىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ھەم جانلىق ئىدىيە – پەزىلەت دەرسلىكى قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش، ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىش، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماسلىق، ئىگىلمەس – سۇنماس ئىرادىگە ئىگە بولۇشتەك ئۇلۇغ روھنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ھەققىدىكى تەشۋىقات – تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان ئۆسمۈرلەر›› نى كۆرسىتىش پائالىيىتى 6 – ئىيۇن باشلانغاندىن بۇيان، جايلاردىكى ئامما تېلېفون، فاكس، تور خەت ئارقىلىق بەس – بەستە نامزات كۆرسەتتى، توردا ۋە يانفوندا ئاۋاز بەرگەنلەر 50 مىليوندىن، توردا يېزىلغان تەسىرات ۋە مۇلاھىزىلەر 100 مىڭ پارچىدىن ئاشتى. ئامما كۆرسىتىش، تەكشۈرۈپ يۇقىرىغا يوللاش، ئۇلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلىش، ئامما ئاۋاز بېرىش ۋە ئۇنىۋېرسال باھالاش تەرتىپلىرى ئارقىلىق لىن خاۋ قاتارلىق 20 ئوقۇغۇچىغا ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان ئۆسمۈر››، دەپ نام بېرىش، ما شياۋفېڭ قاتارلىق 30 ئوقۇغۇچىغا ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى مۇنەۋۋەر ئۆسمۈر››، دەپ نام بېرىش قارار قىلىندى.

    مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىكى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ تەقدىرلەش كېچىلىكى باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، كۆيۈمچانلىق، ئۈمىدۋارلىقتىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر بۆلەكتە تېلېۋىزىيە قىسقا فىلىمى قويۇش، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، تەقدىرلەش، تەبرىك سۆزى ئوقۇش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش –  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان ئۆسمۈرلەر›› ۋە ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى مۇنەۋۋەر ئۆسمۈرلەر›› نىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى، ئېسىل پەزىلىتى نامايان قىلىندى. كېچىلىكتە ئۆز ئارزۇسىغا ئاساسەن تولۇق ئوتتۇرا 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن شېن لۇڭنىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا، ۋاڭ جيامىننىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا، ئوۋياڭ يۈخاڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيە پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا، جاڭ بو نىڭ ئازادلىق ئارمىيە برونېۋىك قىسىمى قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدىغانلىقى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىدىكى ما جيەن قاتارلىق توققۇز ئوقۇغۇچىنىڭمۇ ئۆز ئارزۇسى بويىچە، يەرلىكتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. 

       تەقدىرلەش كېچىلىكى تەقدىرلەنگەن ئۆسمۈرلەر كوللېكتىپ ئوقۇغان ‹‹ياش جۇڭگو ئېيتىدۇ›› دېگەن نەسىر ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى. لى چاڭچۈن قاتارلىق رەھبەرلەر سەھنىگە چىقىپ، تەقدىرلەنگەن ئۆسمۈرلەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. لى چاڭچۈن باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ تەقدىرلەنگەن ئۆسمۈرلەرگە يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئۆزىنى داۋاملىق قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئاكتىپ ئىلگىرىلەپ، ھەسسىلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن بولۇپ، كەلگۈسىدە يۇرتىنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان ئۆسمۈرلەر›› ۋە ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى مۇنەۋۋەر ئۆسمۈرلەر›› نىڭ ئۈلگىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىكى، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 27 – ئىيۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئارىسىدا ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان ئۆسمۈرلەر›› ۋە ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى مۇنەۋۋەر ئۆسمۈرلەر›› دىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۈلگىلەرنىڭ قەيسەر، باتۇر روھىدىن ئۆگىنىشكە، ئۆزىنى داۋاملىق قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۈلگىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىشكە، كۈندىلىك ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا باشقىلارنى، كوللېكتىپنى قەلبىگە پۈكۈپ، باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە، كوللېكتىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۈلگىلەرنىڭ ئۈمىدۋارلىق بىلەن يۇقىرىغا ئۆرلەشتەك قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىشكە، ھەر خىل مۇھىتتا تۇرمۇشقا، كەلگۈسىگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن قاراپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، خۇشال – خۇرام ياشاشقا، ئەتراپلىق يېتىلىشكە يېتەكلەش كېرەك.       

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ