باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
كۆكشىلدىكى تىبەت بۆكىنىنىڭ تۆللەش مەزگىلى ئالدىغا سۈرۈلدى
2008- 07- 01 10:31 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنىڭ، 29 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ كۆكشىل دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كۆكشىل تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى  تىبەت بۆكىنىنىڭ تۆللەش مەزگىلى يىللاردىكىدىن بىر ھەپتە ئالدىغا سۈرۈلگەن.

    كۆكشىل دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەيگا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2008 – يىلىدىكى تۇنجى تېبەت بۆكىنى ئوغلىقى 23 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن كۆكشىلدىكى جونەي كۆلى بويىدا ساق – سالامەت تۇغۇلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىبەت بۆكەنلىرىمۇ ئارقا – ئارقىدىن تۆللەش مەزگىلىگە كىردى. بۇ يىل تىبەت بۆكىنىنىڭ تۆللەش مەزگىلى يىللاردىكىدىن بىر ھەپتە ئالدىغا سۈرۈلدى، بۇ ئاساسلىقى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، تىبەت بۆكىنىنىڭ تىنچ مۇھىتتا يېتەرلىك ئوزۇقلانغانلىقى ۋە ئارام ئالغانلىقىنىڭ، بۇنىڭ بىلەن قىش پەسلىدە تىبەت بۆكىنىنىڭ ئەت ئېلىپ، جۈپلىشىش مەزگىلىنىڭمۇ ئالدىغا سۈرۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ