|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 29 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى رېس باشچىلىقىدىكى 60 نەچچە كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ياڭ جيېچىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن چېڭدۇغا كېلىپ، جۇڭگودىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. رېس ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندا زىيارەتتە بولغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى. رېس سىچۇەندىكى مەزگىلىدە دۇجياڭيەنگە بېرىپ خارابىلەرنى كۆردى، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى، ئامېرىكا ياردەم قىلغان سۇ ساپلاشتۇرۇش تۈرىنى تەكشۈردى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
رېس 29 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا كەلدى، بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ياڭ جيېچى ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككىيلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ئۈستىدە پىكىرلەشتى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، يەر تەۋرىگەندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگونى 1مىليون دوللار مەبلەغ ياردىمى ۋە 1 مىليون 600 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەن.
|