باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ زىيىنىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلەرگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ
2008- 07- 01 10:27 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. بېيجىڭ شەھەرلىك 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹بېيجىڭ شەھىرىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى> نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 –  كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ يەرلىك نىزامدا تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ زىيىنىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلەرگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

    چارىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانماي، ئېغىرراق، ئېغىر، ئىنتايىن ئېغىر تاسادىپىي ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى تاسادىپىي ۋەقەنىڭ زىيىنىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن ئالاقىدار ئورۇنلارغا شەھەرلىك، رايونلۇق ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ئىجازەتنامە ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قالىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ھەم 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئامانلىق  باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلارنى شەكىللەندۈرگەنلەرنى ج خ ئورگانلىرى قانۇن بويىچە جازالايدۇ.

    چارىدە يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مال باھاسىنى ھە – ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈۋېتىش، ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بېسىمدارلىق قىلىش، باھانى ھە – ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈۋېتىش، ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك. مال باھاسىنى ھە – ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈۋېتىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدىشى كېرەك.

    چارىدە ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ساختا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىش، تارقىتىش قىلمىشلىرىنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. چارىدە مۇنداق بەلگىلەندى: ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ياكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىشىغا، تارقىتىشىغا بولمايدۇ. بۇ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ئالاقىدار ھەر قانداق ساختا ئۇچۇرنى ئويدۇرۇپ چىقىش، تارقىتىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ