|
. ب د ت باش كاتىپى بان كىمون يېقىندا جۇڭگو مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى سىچۇەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن تېزدىن ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىپ، دۇنياغا ئۈلگە بولدى، دېدى.
. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىمى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 700گە يېقىن پۇقرا تالاپەتكە ئۇچرىغان. بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %62 ئارتۇق.
. زىمبابۋې سايلام كومىتېتى 29 – ئىيۇن ھازىرقى زۇڭتۇڭ موگابىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يەنە غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
. پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى قەبىلىلەر رايونىدا 30 – ئىيۇن چۈشتىن ئىلگىرى سەككىز جەسەت بايقالدى، تەكشۈرۈشتە بۇ جەسەتلەرنىڭ 29 – ئىيۇن شۇ رايوندا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
. ب د ت ئاشلىق، پىلان مەھكىمىسى 30 – ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ياردەم ئاشلىقىنىڭ 29 – ئىيۇن چاۋشيەنگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ مەھكىمىنىڭ چاۋشيەنگە ئاشلىق ياردەم قىلىش پىلانىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، قاپلاش دائىرىسىنى 5 مىليون كىشىدىن ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|