|
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 30 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ‹‹لۇئەن›› گۇرۇھىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلەرنى تىرىشىپ زورايتىپ ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى ئەمەلىي كۈچكە، ئىناۋەتكە ئىگە چوڭ كارخانىلار، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن ياخشى سەھنە ھازىرلاپ بېرىش كېرەك؛ چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئېلېكتر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئۆزگىچە، ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، ياڭ گاڭ، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ۋاڭ يوڭمىڭ قاتارلىقلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.
‹‹لۇئەن›› گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، باش دېرىكتورى رېن رۈنخۇ ‹‹لۇئەن›› گۇرۇھىنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيىلىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹لۇئەن›› شىنجاڭ شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم نۇقتىسى، ئاساسلىق نىشانى ۋە خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى ھەم ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدا ئاپتونوم رايوننىڭ پىكرىنى ئالدى.
سەنشى ‹‹لۇئەن›› گۇرۇھى كۆمۈرنى ئاساس قىلغان، كۆمۈر ئېلېكتر خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كۆمۈرنى مايغا ئايلاندۇرۇش خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى بىرلىشىپ ئىشلەپ چىقىرىپ تەرەققىي قىلغان ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى كارخانىسى گۇرۇھى. ‹‹لۇئەن›› گۇرۇھى 2007 – يىلى 9 – ئايدا قۇمۇل كۆمۈرچىلىكى بىلەن بىرلىشىپ، ‹‹لۇئەن ›› شىنجاڭ شىركىتىنى قۇردى. بۇ يىل 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە كۆمۈر مەھسۇلاتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 645 مىڭ توننا ئاشتى، سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 551 مىڭ توننا ئاشتى. شىركەت ئىستراتېگىيىلىك نىشاننى چۆرىدەپ، كونا كان قۇدۇقىدا تېخنىكا ئۆزگەرتىش، سانجى كۆمۈر ماشىنىسى ياساش تۈرى ۋە يىلىغا 5 مىليون توننا كۆمۈر ئېلىنىدىغان سادۈنزى كېنى قاتارلىق توققۇز تۈرنى ئارقا – ئارقىدىن پۈتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى. ‹‹لۇئەن›› شىنجاڭ شىركىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانىدا ئۈچ ئاساسلىق كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈپ، تۆت سانائەت رايونى قۇرۇپ، كۆمۈر، توك، ماي قاتارلىق ئالتە چوڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ‹‹لۇئەن ›› شىنجاڭ شىركىتىنى ئاپتونوم رايون بويىچە زور ئىقتىسادىي كۈچكە ۋە تەرەققىيات زاپاس كۈچىگە ئىگە يېڭىچە ئېنېرگىيە ۋە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى قىلىپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ۋاڭ لېچۈەن ‹‹لۇئەن›› گۇرۇھىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹لۇئەن›› شىنجاڭ شىركىتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىسىمۇ، قەدەم ئېلىشى تېز، سالمىقى چوڭ بولغانلىقتىن، ئاپتونوم رايون بىلەن ئىمزالىغان رامكا كېلىشىمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىركەتنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنى پۇختا ، ئۈنۈملۈك، تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. بۇ قېتىم كارخانا تۈزگەن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ۋاقىت ۋە يەرلىكنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئۇيغۇن.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويغان پايدىلىق پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلەرنى تىرىشىپ زورايتىپ ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى ئەمەلىي كۈچكە، ئىناۋەتكە ئىگە چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ ئاپتونوم رايوننى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى، ‹‹لۇئەن›› گۇرۇھىغا ئوخشاش بىرتۈركۈم چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىدا ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. ‹‹لۇئەن›› شىنجاڭ شىركىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلاننى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تۇتاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئېچىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش، پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
|