باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان2647 ئىختىساس ئىگىسى تولۇقلىنىدۇ
2008- 07- 01 10:07 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون ناھىيىلىك داۋالاش، سەھىيە ئورۇنلىرى ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئورۇنلىرىغا كەسپىي تېخنىكا خادىمىدىن 2647 نى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاش، سەھىيە كەسپىي تېخنىكا خادىمى 2316، دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خادىمى 198، چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خادىمى 133 كىشى بولىدىكەن.

     شىنجاڭ كادىرلار ئىختىساسلىقلار ئۇچۇر تور پونكىتى(www.xjrs.gov.cn )  ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا كونكرېت ئىش ئورنىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. 21 – ئىيۇلدىن 31 – ئىيۇلغىچە تىزىمغا ئېلىنىدۇ، 6 – سېنتەبىر يازما ئىمتىھان ئېلىنىدۇ؛ 8 – ئۆكتەبىر يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ، 24 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ يۈز تۇرا ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. بۇ يىل 10 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ؛ شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى بۇ يىل ۋە ئىلگىرى پۈتكۈزگەن ئىچكىرى ئۆلكىلىك ئوقۇغۇچىلار، مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان ھەم باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان ستۇدېنتلارنىڭ غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانىغا قاتناشقان پىدائىيلار، چوڭلار مائارىپىدا ئوقۇش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش، سىرتتىن ئوقۇش قاتارلىق ئۆگىنىش شەكلىدە ئوقۇش پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارمۇ تىزىملاتسا بولىدۇ.

    تىزىمغا ئالدۇرۇشتا توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە بېكىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىدىن باشقا يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، شىبە ئوقۇغۇچىلىرىغا يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئاساسىدا ئون نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان ھەم باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان ستۇدېنتلارنىڭ غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانىغا قاتناشقان پىدائىيلارغا، ‹‹ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش››، ‹‹ھەممە كەنتتە ستۇدېنت بولۇش قۇرۇلۇشى›› دىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە بەش نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ داۋالاش، سەھىيە ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بەرگەن، ماس كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە بولغانلارغا 50 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ ئادەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان ماگىستىر ئاسپىرانتلار يازما ئىمتىھانغا قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇلار يۈز تۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنىدۇ.

    ۋىلايەت، ئوبلاستلار% 30 تىن تۆۋەن ئىش ئورنىغا شۇ جايدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ياكى مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان، ستۇدېنتلارنىڭ غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانىغا قاتناشقان پىدائىيلارنى، ‹‹ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش››، ‹‹ھەممە كەنتتە ستۇدېنت بولۇش قۇرۇلۇشى›› دىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىشنى بېكىتسە بولىدۇ. دۆلەت بويىچە نامرات ناھىيە، ئاپتونوم رايون بويىچە نامرات ناھىيە ۋە يۇقىرىقىدەك تۆت تۈرلۈك جاپالىق، چەت رايونلار ئەھۋالغا ئاساسەن، يازما ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكىنى ئايرىم بېكىتسە بولىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ