|
2 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – ئوقۇتۇش – تەتقىقات يەرمەنكىسى ۋە شەرقنىڭ كەسپىنى يۆتكەش تۈرىنى قوبۇل قىلىش يىغىنى 29 – ئىيۇن ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى.
كۈرەش مەخسۇت، ۋاڭ يۇڭمىڭ، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە كارخانىلارنىڭ قىيىن تېخنىكىلىق مەسىلىسىدىن 390 ى، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 544 ى، مەملىكەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىدىن 4500 دىن ئارتۇقى، شەرقنىڭ كەسپىنى يۆتكەش تۈرىدىن 27 سى قاتناشتۇرۇلدى. مەملىكەت ئىچىدىن 110 ئالىي مەكتەپ، ئىلمىي تەتقىقات ئورنى ۋە 30 غا يېقىن كارخانا يەرمەنكىگە قاتناشتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن 109 كارخانا ۋە 25 باغچىلاشقان سانائەت رايونى يەرمەنكىگە قاتناشتى.
|