باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
شەرقىي دېڭىز ئورتاق تونۇشى ياپونىيىدە نارازىلىق قوزغىدى
2008- 06- 30 16:06 شىنجاڭ گېزىتى

   جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز مەسىلىسىدە ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشى 19 – ئىيۇن ياپونىيىدىكى ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تەنقىدلەندى. غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ‹‹ئابىدىسىمان›› دەپ تەسۋىرلەنگەن بۇ مۇھىم بۆسۈش ياپونىيىدە نۇرغۇن نارازىلىق قوزغىدى، ھەتتا ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات سىياسىيون ناكاگاۋا شوئىچى ئۇنى: مىڭجى دەۋرىدىكى ياپونىيىنىڭ چەت ئەل بىلەن ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامىسىگە ئوخشايدۇ، دەپ تەسۋىرلىدى.

   ياپونىيە ‹‹ئىقتىسادىي خەۋەرلەر›› گېزىتىنىڭ 19 – ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بۇ سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى كۆپ تەكىتلەنمەي، ‹‹ياپونىيە بىلەن جۇڭگو نېفىتلىك، گازلىق مەسىلىسىدە ھاسىل قىلغان چۈشىنىش ئەركىن دېمۇكراتلار پارتىيىسى ئىچىدە زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقاردى››، دەپ ماۋزۇ بېرىلدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قوللىغۇچىلار ۋەكىلى كاتو كوئىچى: بۇ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مەسىلە ئەمەس، شۇنداقلا ماھىيەتلىك زېمىن مەسىلىسىمۇ ئەمەس. بۇ مەسىلە ياخشى يۆنىلىشتە، مۇۋاپىق دىپلوماتىيە ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىنغان، دەپ قارىغان. ھالبۇكى ئۆكتىچىلەر ۋەكىلى بولغان پارلامېنت ئەزاسى ناكاگاۋا شوئىچى ھۆكۈمەتنى ئاشكارا تەنقىت قىلىپ: ئەسلىدىلا ياپونىيىگە تەئەللۇق نەرسىگە يەنە بىزنىڭ مەبلەغ سېلىشىمىزغا يول قويۇشنىڭ ئۆزى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزگەنلىك ئەمەس، بۇنداق قىلمىش بىلەن ياپونىيىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىنى قانداق قوغدىغىلى بولىدۇ، دېگەن.
‹‹ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر›› ئاگېنتلىقىنىڭ 19 – ئىيۇندىكى ئوبزورىدا، بۇ قېتىمقى ‹‹ئورتاق تونۇش›› بىر قېتىملىق رېئال مۇرەسسەچىلىك، دەپ قارالدى. ماقالىدە ئىككى تەرەپنىڭ ‹‹بىتەرەپ لىنىيە›› مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقى، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ تەشەببۇسى يەنىلا ئىككى پارالىل سىزىق بويىچە بولغانلىقى، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى تەكىتلەندى.

   ياپونىيىنىڭ نېفىت ساھەسىدىكى مەلۇم كىشى تەنقىت قىلىپ مۇنداق دېدى: گەرچە جۇڭگو ياپونىيىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ياپونىيىنىڭ دېڭىزدىن ياپونىيىگە مەھسۇلات يەتكۈزۈش تۇربا يولى يوق، شۇڭا ئاخىرىدا يەنىلا چىقارغان ئېنېرگىيىنى جۇڭگوغا سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ياپونىيىدىكى نېفىت كارخانىچىسى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ‹‹چۈنشياۋ›› نېفىتلىكى، گازلىقىنى خېلى ئوبدانلا ئېچىپ بولدى، بۇ چاغدا ياپونىيىنى مەبلەغ سالدۇرۇش ئەقىلگە سىغمايدۇ، نەدىمۇ بۇنداق ياخشى ئىش بولسۇن. شۇڭا ياپونىيە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق مەنپەئەتلەنمەكچى بولىدىكەن، جۇڭگو چوقۇم ماس شەرت ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياپونىيىنى تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ.

   ‹‹YAHOO›› قاتارلىق تور پونكىتلىرىدا ياپونىيىلىك نۇرغۇن كىشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ياپونىيە قانداق قىلىپمۇ بولمىسۇن جۇڭگوغا ياپونىيىنىڭ تەشەببۇسىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشى كېرەك، جۇڭگو ياپونىيىنى خالىغانچە بوزەك قىلسا بولامدۇ؟ دېگۈچىلەرمۇ، ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ياپونىيىگە پايدىسىز ئورتاق تونۇشنى ئەمدى ئىمزالاشقا بولمايدۇ، ياپونىيە پۇقرالىرى بۇنداق بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، دېگۈچىلەرمۇ بولدى. بۇ يېقىنقى مەزگىلدە ياپونىيىدىكى تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان بىر قېتىملىق ئەڭ كەسكىن ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ