|
رامولىياس فىلىپپىننىڭ ‹‹بوران ئىلاھى›› ناملىق تەيفېڭ بورىنىغا ئۇچراپ چۆكۈپ كەتكەن ‹‹يۇلتۇزلار مەلىكىسى›› ناملىق كېچىك پاراخوتىدا ھايات قالغان تۆت كىشىنىڭ بىرى. ئۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگەندە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.
رامولىياس فىلىپپىندىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: بىر قانچە يۈز قازا قىلغۇچىنىڭ دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن جەسەتلىرى، بالىلارنىڭ پاراخوت چۆكۈپ كېتىۋاتقان چاغدىكى يىغا ئاۋازى ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، دېدى.
20 – ئىيۇن، رامولىياس مانىلا پورتىدا باشقا يولۇچىلار بىلەن بىللە، ‹‹يۇلتۇزلار مەلىكىسى›› ناملىق ئاق رەڭلىك چوڭ كېچىك پاراخوتىغا چىققان. رامولىياس ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 21 – ئىيۇن پاراخوت فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رومبىلون ئۆلكىسىگە يېقىن دېڭىزدا تەيفېڭ بورىنى ‹‹بوران ئىلاھى›› ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. شۇ چاغدا دېڭىز دولقۇنى تاغدەك ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ پاراخوتنى قاتتىق چايقىدى، بىر قىسىم يۈكلەر تانىدىن ئاجراپ پاراخوتنىڭ بىر چېتىگە دۆۋىلىنىپ قالغاچقا، پاراخوت بەكلا قېيسىيىپ كەتتى. 21 – ئىيۇن چۈشتە كاپىتان كىشىلەرگە پاراخوتنى تاشلاپ قېچىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.
رامولىياس مۇنداق دېدى: پاراخوتتىكى 14 قۇتقۇزۇش كېمىسى دەرھال دېڭىزغا چۈشۈرۈلدى، لېكىن كېمىنىڭ كۆپ قىسمىنى دولقۇن ئېقىتىپ كەتتى. بۇ چاغدا باشقىنى ئويلىمايلا دەھشەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلگەن دېڭىزغا ئۆزۈمنى ئاتتىم، نەتىجىدە ئەتراپتىكى ئارالغا چىقىپ قاپتىمەن، ئارالدىكىلەر مېنى باشقا ئۈچ كىشى بىلەن تەڭ قۇتۇلدۇرۇۋالدى.
پاراخوتتا يەنە باشقىلارنىڭمۇ ھايات قېلىش مۇمكىنچىلىكى بار – يوقلىقى توغرىسىدا، رامولىياستىن باشقا ھايات قالغان ئۈچ كىشى ئازابلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا قاتتىق بوران چىققاچقا دولقۇن بەك ئېگىز كۆتۈرۈلدى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشى قازا قىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، كاپىتان پاراخوتتىن ۋاز كېچىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەندە، ياشانغانلار بىلەن بالىلارنىڭ بېشى قېيىپ قېچىشقا ئامالسىز قالدى، ئاياللار بىلەن تېنى ئاجىز كىشىلەر بىر جايغا قىسىلىپ قالغان ئىدى، بەلكىم پاراخوت بىلەن چۆكۈپ كەتكەن بولسا كېرەك، تېنى ساغلام نۇرغۇن كىشى قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيمەستىنلا سۇغا سەكرەشتى...
فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىدىكىلەر مۇنداق دېدى: 21 – ئىيۇن كەچتە قۇتقۇزۇش پاراخوتى ئەۋەتتۇق، لېكىن ھاۋارايى بەك ناچار بولغاچقا، قۇتقۇزۇشتىن ۋاز كەچمەي بولمىدى. 22 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ قۇتقۇزۇش پاراخوتلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز يۈزىگە بېرىپ، ھازىرغا قەدەر تۆت جەسەتنىلا تاپالىدى، لېكىن ھېچقانداق ھاياتلىق ئالامىتىنى بايقىمىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|