باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا تېز خەۋەرلەر
2008- 06- 30 15:53 شىنجاڭ گېزىتى

   . ب د ت باش كاتىپى بان كىمون يېقىندا: بېيجىڭ ئو ت م نىڭ تەييارلىق خىزمىتى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئۇ تارىختىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈتكۈزۈلگەن ئو ت م لارنىڭ بىرى بولۇپ قالغۇسى، دېدى.

   . روسىيىنىڭ لېنىنگراد ئوبلاستىدا 29 – ئىيۇن سەھەردە بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن بىر ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كېتىپ، توققۇز كىشى قازا قىلدى، 16 كىشى يارىلاندى.

   .  64 ساقچى چۈشكەن بىر پاراخوت ھىندىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئورسسا شىتاتىدىكى بىر سۇ ئامبىرىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ چۆكۈپ كەتتى، 50 نەچچە ساقچى ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن.

   .  مۇڭغۇلىيە دۆلەت پارلامېنتىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدا ئاۋاز بېرىش 29 – ئىيۇن باشلاندى، مۇڭغۇلىيىدىكى سايلىغۇچىلار 356 نامزات ئارىسىدىن 76 پارلامېنت ئەزاسى سايلايدۇ.

   . ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش 28 – ئىيۇن زىمبابۋې ھۆكۈمىتىنى جازالاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ