|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 12 – ئىيۇن ‹‹خاسىيەتلىك كېمە –– 7›› ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ بۇ يىل 10 – ئايدىكى مۇۋاپىق بىر پەيتتە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ بېكىتىلىپ بولغانلىقىنى، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىدىن ئۇچۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىدىغانلىقىنى، ئۈچ ئورۇنباسار ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.
ۋەزىپە ئىجرا قىلىنىش مەزگىلىدە، ئۇچۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم كېمىسىنىڭ ئوربىتا بۆلۈمىگە كىرىپ، ئالەم بوشلۇقى كىيىمىنى كىيىپ، بۆلۈمدىن چىقىش تەييارلىقىنى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى بۆلۈمدىن چىقىپ بوشلۇقتا ماڭىدۇ ھەم بوشلۇق ئىلمىگە ئالاقىدار تەجرىبىنى ئىشلەيدۇ.
|