|
26 – ئىيۇن شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا رەسىم، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىش ۋە نەق مەيداندا ئويۇن كۆرسىتىش قاتارلىق ئۆزگىچە شەكىللەر ئارقىلىق زەھەر چەكلەش تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت، تارىخ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان زەھەر چەكلەشكە ئائىت بىر قىسىم جۇڭگوچە رەسىم، ھۆسنخەت،تەشۋىقات رەسىملىرى بولۇپ 100 پارچىدەك ئەسەر كۆرگەزمىگە قويۇلدى، پىدايى ئارتىسلار زەھەرنىڭ ئادەمنى يۇتۇۋالغانلىقىدەك مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى.
شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پىدايى قەيسەر مۇنداق دېدى: ‹‹خروئىن، كوكائىن دېگەنلەر زەھەرلىك ئالۋاستىلاردۇر، مەن ئەتراپىمىزدىكى ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن››.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى تەشكىللىگۈچى –– مەملىكەت بويىچە ئەل ئارىسىدىكى ئون چوڭ زەھەر چەكلىگۈچى ئەخمەت قۇربان مۇنداق دېدى: ‹‹نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زەھەر چەكلەش ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي، زەھەر چەكلەش يالغۇز ھۆكۈمەتنىڭلا ئىشى بولۇپ قالماستىن، ئومۇمىي خەلقنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى، زەھەر چەكلەشتىن ئىبارەت خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ،جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ››.
|