باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ساياھەت سىستېمىسىدىكى كەسپىي خادىملار بەيگىگە چۈشىدۇ
2008- 06- 30 15:47 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايونلۇق كەسپ – تېخنىكا مۇسابىقە كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ ساياھەتچىلىك جەمئىيىتى تەشكىللىگەن، ساياھەت كەسپىي خادىملىرىنىڭ ماھارىتىنى سىنايدىغان بىر يۈرۈش مۇسابىقىلەر 9 – ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ساياھەت سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ 2008 – يىللىق كەسپ – تېخنىكا مۇسابىقىسى 19 – ئۆكتەبىردىن 24 – ئۆكتەبرگىچە، ساياھەت سەنئەت كۆرىكى 20 – ئۆكتەبىردىن 24 – ئۆكتەبىرگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى لايىھىلەش مۇسابىقىسى 8 – سېنتەبىردىن 12 – سېنتەبىرگىچە قابا ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ  مۇسابىقىلەر ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت سېپىدىكىلەرنىڭ بىر قېتىملىق ئۆزىنى نامايان قىلىش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى بولۇپ، جايلاردىكى ساياھەت ئىدارىلىرى، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلار، ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە ساياھەت رايونلىرى(نۇقتىلىرى)، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلار دەسلەپكى تاللاش ۋە قاتلاممۇ قاتلام تاللاش ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىكەن. بۇ ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ 30 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى بولۇپمۇ كەسپىي خادىملارنىڭ ئۆز كەسپىنى سۆيىدىغان ئېسىل پەزىلىتى، پىشقان مۇلازىمەت ماھارىتى نامايان قىلىنىپ، ساياھەتچىلىكتە ياخشى ئوبراز تىكلەش، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى  ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ