|
ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن ‹‹ئاتلان›› تىل تەربىيىلەش مەركىزى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ‹‹ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش، مەدەنىي بولۇش، يېڭى ئىستىل تىكلەش››نامىدىكى ‹‹ئاتلان لوڭقىسى››نى تالىشىش بويىچە ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى 20 – ئىيۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نى كۈتۈۋېلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇسابىقىگە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى، شىجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىن تاللانغان 12 ماھىر قاتناشتى. مۇسابىقە نۇتۇق سۆزلەش، مەجبۇرىي جاۋاب بېرىش ۋە تاللاپ جاۋاب بېرىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئېلنار ئىلھام بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.
|