|
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 29 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لو جاۋخۇي ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ لېچۈەن لو جاۋخۇي ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، باش ئەلچىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. بۇنىڭدىن كېيىن باش ئەلچىنىڭ ۋە ئەلچىخانىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭنى سىرتقا تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە چۈشەندۈرۈشنى قوللىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە،شىنجاڭنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان ئىقتىساد، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
لو جاۋخۇي پاكىستاننىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئەلچىخانا خىزمىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پاكىستاندىكى ئەلچىخانىمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن سۇپا ھازىرلاپ، شىنجاڭنىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسى، ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئومۇمىي دائىرىلىك مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، رەڭدار، جەلپكار شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە چۈشەندۈرىدۇ ۋە تونۇتىدۇ.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، خۇۋېي، ليۇ ياۋخۇالار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
|