|
ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى
بۇ يىل 7 – ئاي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 10 – قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيىسى ئېيى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 29 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەركەز ئېلان قىلغان ‹‹چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ 2008 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە بولغان خىزمەت يىرىك پىلانى›› نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى، جايلارنى 10 – قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ: پارتىيىلىك كادىرلار ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى››نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئومۇمىيلىق ۋە سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئېنىق تونۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، نيې ۋېيگو، ياڭ گاڭ، فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، لى يى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فۇ چياڭ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 10 – قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى›› نى ئوقۇدى.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 10 – قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيىسى ئېيىدا ‹‹<خىزمەت يىرىك پىلانى>نى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› تېما قىلىنىدۇ.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش خەلق رايىنىڭ مايىللىقىغا ھەم پارتىيىنىڭ ھايات – ماماتىغا چېتىلىدىغان، پارتىيە باشتىن – ئاخىر ياخشى تۇتۇشقا تېگىشلىك زور سىياسىي ۋەزىپە. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا قەدەم قويدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى مۇھىم تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ ھەم ياخشى تۇتۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلار مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، چىرىكلىك ئاسان، كۆپ كۆرۈلىدىغان مۇھىم ساھەلەر ۋە مۇھىم ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتىنى، ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە چەكلەشنى يادرو قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ‹‹ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق تارماق، نۇقتىلىق كەسىپلەردە بۆسۈش قىلىش ۋە ئىلگىرىلەشكە تىرىشىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئايىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنىڭ ئۇزاق، ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ تۈزۈم سىستېمىسىنى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش – تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
ۋاڭ لېچۈەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتكوم بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرىدىغان، تارماقلار ئۆز خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغان، خەلقنىڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشىغا تايىنىدىغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر جەھەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، 10 – قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
|