|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا (18)
پويىز بىلەن شىنجاڭغا كەلگەن كىشىلەر ئۈرۈمچىگە ئاز قالغاندا يول بويىدىكى شامال گېنېراتورلىرىغا ھەۋەس بىلەن قارىشىدۇ، ھەيۋەتلىك بۇ مەنزىرىدىن شىنجاڭنىڭ زېمىنىنىڭ چوڭلۇقىنى ھېس قىلىشىدۇ.
20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بۇ ‹‹شامالچى›› لار شىنجاڭنىڭ يېڭى بەلگىسى بولۇپ قالدى. بۇ يەرگە دەسلەپتە چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەن 20 كىلوۋاتلىق شامالدۇرغۇچ ۋە دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن ئىشلەنگەن 1.5 مېگاۋاتلىق شامال گېنېراتورى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ جۇڭگونىڭ شامال ئېنېرگىيىسىدىن توك چىقىرىش مۇساپىسىنىڭ شاھىدى بولۇپ قالدى، نۇرغۇن كىشى بۇ يەرنى ‹‹جۇڭگونىڭ شامال ئېنېرگىيىسىدىن توك چىقىرىش مۇزېيى›› دەپ تەرىپلەشتى؛ بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى پەن – تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ شامال ئېنېرگىيىسى ئۈسكۈنىسى ياساش كەسپىدە ھەممىدىن بەك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە باشلامچى كارخانا ‹‹جىنفېڭ›› پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بارلىققا كەلدى.
قۇرۇق قول ئىش باشلاش، ئارزۇغا ئىنتىلىش
جۇڭگودا شامال ئېنېرگىيىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى بۇ يەرگە كەلگەن، – دېدى شىنجاڭ شامال ئېنېرگىيىسى شىركىتىنىڭ 66 ياشلىق باش دىرېكتورى يۈ ۋۇمىڭ 10 – ماي چاقپەلەكلەرگە قاراپ تۇرۇپ. ئۇ شىنجاڭنىڭ شامال ئېنېرگىيىسى كەسپىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ئېلىمىزدە شامال ئېنېرگىيىسىدىن توك چىقىرىش بىر قەدەر كېيىن باشلانغان، جۇڭگودا شامال ئېنېرگىيىسىدىن ئەڭ بالدۇر توك چىقىرىشقا باشلىغان شىنجاڭ مەبلەغ، تېخنىكا بولمىغان ئەھۋالدا بۇ خىزمەتنى تەستە باشلىغانىدى.
1986 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى سۇ ئېلېكتر تەتقىقات ئورنىدىكى ۋاڭ ۋېنچى قاتارلىق كىشىلەر داۋانچىڭدا شامال ئېنېرگىيىسىدىن توك چىقىرىشنى سىناق قىلىشقا باشلىدى، ئۇلار شىنجاڭدا شامال ئېنېرگىيىسىدىن توك چىقىرىشنى ئەڭ بالدۇر تەتقىق قىلغان كىشىلەر.
1988 – يىلى شىنجاڭ شامال ئېنېرگىيىسى شىركىتى قۇرۇلدى؛ شىنجاڭ 1989 – يىلى دانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بەرگەن 3 مىليون دوللار پۇلىدىن پايدىلىنىپ دانىيە BONUS شىركىتىدىن 150 كىلوۋاتلىق شامال گېنېراتورىدىن 13 نى كىرگۈزدى، جۇڭگودىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى تاۋارلاشقان شامال ئېلېكتر ئىستانسىسى داۋانچىڭدا قۇرۇلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىناق قىلىنىپ سېتىۋېلىنغان دانىيە شىركىتىنىڭ 100 كىلوۋاتلىق تورغا تۇتاشتۇرۇلغان بىر شامال گېنېراتورىنى قوشقاندا، ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ شامال ئېنېرگىيىسى شىركىتىنىڭ داۋانچىڭدىكى شامال ئېنېرگىيىسىدىن توك چىقىرىش ئىستانسىسىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 2050 كىلوۋاتقا يىتىپ، بۇ سىتانسىدا جۇڭگو ۋە ئاسىيا بويىچە شامال ئېنېرگىيىسىدىن توك چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ ئىستانسىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
1996 – يىلى شامال ئېنېرگىيىسى شىركىتى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ‹‹ئالتۇن پىلان›› بويىچە ياردەم قىلغان 3 مىليون 800 مىڭ دوللاردىن پايدىلىنىپ گېرمانىيىدىكى ئۈچ شىركەتنىڭ 450 كىلوۋاتلىق، ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 4050 كىلوۋاتلىق شامال گېنېراتورىدىن سەككىزنى سېتىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن داۋانچىڭ شامال ئېنېرگىيىسىدىن توك چىقىرىش ئىستانسىسىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 6100 كىلوۋاتقا يەتتى. يۈ ۋۇمىڭ بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ شامال ئېنېرگىيىسى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
–– شۇ قېتىمقى كىرگۈزۈشتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان شامال ئېنېرگىيىسىدىن توك چىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق، بىر تۈركۈم تېخنىكلار تەربىيىلەندى. بىز ئۈچ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى بىر مەزگىل ئىشلىتىپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى بارلىقىنى بايقاپ، ئۈچ شىركەتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى يەڭگىلى بولامدۇ؟ دېگەن ئويغا كەلدۇق. دادىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ئوي ئەمەلىيەتتە كارخانىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىدىكى تاللاشتىن، يەنى كارخانىنىڭ ئەنئەنىۋى توك چىقىرىش كەسپىدىن شامال گېنېراتورى ياساش كەسپىگە ئۆتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
بۇ ئوينى ‹‹جىنفېڭ›› پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدىكىلەر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ شانلىق نەتىجە قازاندى.
مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئارزۇغا يېتىش
شامال ئېنېرگىيىسى شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر 1997 – يىلى چەت ئەلدىن شامال گېنېراتورى ياساش تېخنىكىسىنى كىرگۈزمەكچى بولدى، لېكىن مەبلەغ ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغانىدى.
ئەينى ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ شامال ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىنى كەسىپلەشتۈرۈش توغرىسىدا چوڭ تىپتىكى پەن تەتقىقات تۈرى بولۇپ، بۇنىڭغا خىراجەت ئاجرىتىلغانىدى، لېكىن دۆلەت دەسلەپتە بۇ تۈردە شىنجاڭنى ئويلاشماي، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى پەن تەتقىقات يۇرتلىرىنى ئويلاشقانىدى. شامال ئېنېرگىيىسى شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بوشىشىپ قالماي، بۇ ئىشنى قىلىشتىكى ئىرادىسىنى چىڭىتتى. ئۇلار بۇ ئىشتىن نەتىجە ھاسىل قىلدى، ئۇلارنىڭ پەن تەتقىقات جەھەتتە ئىلگىرىلىشى تاللاپ بېكىتىلگەن ‹‹دۆلەت كوماندىسى›› دىنمۇ تېز بولدى، شىركەت تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
ئەينى يىلى يۈ ۋۇمىڭ تېخنىكا گۇرۇپپىسىنى باشلاپ گېرمانىيىگە بېرىپ، گېرمانىيىدىكى شىركەت خادىملىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 2 مىليون 700 مىڭ يۈەنگە گېرمانىيە شىركىتىنىڭ 600 كىلوۋاتلىق شامال گېنېراتورىنى ياساش تېخنىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى سېتىۋالدى.
يۈ ۋۇمىڭ ‹‹دۆلەت كوماندىسى›› بىلەن بولغان رىقابەتنى ئەسلەپ ئۆتۈپ مۇنداق دېدى:
–– مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزدا تېخنىكلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن سىرت، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى. شىركىتىمىز دەسلىپىدىلا بۇ تۈرنى ئادەتتىكى پەن تەتقىقات تۈرى دەپ قارىماستىن، شىركەت قۇرۇپ، مەھسۇلاتنى بازارغا قانداق يۈزلەندۈرۈشنى ئويلىدى. بۇ شىركەت ‹‹جىنفېڭ›› پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن ئىلگىرىكى ‹‹شىنفېڭ›› پەن تەتقىقات سانائەت سودا شىركىتى ئىدى.
2001 – يىلى ‹‹جىنفېڭ›› پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى، يەتتە يىل جەريانىدا بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت سوممىسى بىلەن پايدىسى يىلدا بىر قاتلىنىشتەك سۈرئەت بىلەن تېز كۆپەيدى.
يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار قاراش
‹‹جىنفېڭ›› شىركىتىنىڭ 20 يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيىتى يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ.
تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، ‹‹جىنفېڭ›› شىركىتى دەسلىپىدە مەھسۇلات، تېخنىكا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، كىرگۈزۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن مەھسۇلاتنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. شىركەت ئۈستىگە ئالغان ‹‹600 كىلوۋاتلىق شامال گېنېراتور گۇرۇپپىسىنى دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقاتى›› تۈرى ‹‹9 – بەش يىل››لىق پەن – تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى بويىچە مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا نەتىجىسى مۇكاپاتىغا، دۆلەتنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ‹‹جىنفېڭ›› شىركىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە قارايدىغان بولساق، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى يۆنىلىشنى كۆرۈۋالالايمىز: بۇ شىركەت 600 كىلوۋاتلىق شامال گېنېراتورىنى كىرگۈزۈشتە باشقىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى سېتىۋالدى؛ 750 كىلوۋاتلىق شامال گېنېراتورىنى بەرپا قىلىشتا چەت ئەل بىلەن بىرلىشىپ لايىھىلىدى؛ 1.5 مېگاۋاتلىق شامال گېنېراتورىنى ياساشتا پۈتۈنلەي بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولدى.
بۇ شىركەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئاساسلىق زېھنىنى لايىھىلەش ۋە بازارغا قاراتتى، بارلىق زاپچاسنى كەسىپلەشتۈرۈپ ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن شىركەت لايىھىلەشتە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قالدى ھەم بازارنى مەھكەم ئىگىلەپ، قىسقىغىنا ۋاقىتتا تېزدىن تەرەققىي قىلىپ زورايدى.
ئەينى يىلىدىكى تەستە مەبلەغ توپلاش مول نەتىجە بەردى، 2007 – يىلى 12 – ئايدا شىركەتنىڭ پېيى شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسىدا بازارغا سېلىندى، تۇنجى كۈنى شىركەتنىڭ پېيى 100 يۈەنلىك پاي بولۇپ، جۇڭگونىڭ پاي بازىرىدا رېكورت يارىتىپ، پايچىلارغا كۆپ نەپ كەلتۈردى.
|