باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىغا ئەھۋال پاش قىلىش تېلېفونى ئېچىلدى
2008- 06- 30 15:35 شىنجاڭ گېزىتى

    مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پاش  قىلىش بىر تۇتاش تېلېفونى ‹‹12388›› 26 – ئىيۇندىن تارتىپ رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك  ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ‹‹ 12388›› پاش قىلىش بىر تۇتاش تېلېفونى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئەرز –  شىكايەتلىرىنى قوبۇل قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەرزىيەت، قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نې گۇاڭيىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ پاش قىلىش تېلېفونى ئاممىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى،رەھبىرىي كادىرلار ۋە دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ ياكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا بېرىلگەن پىكىر  –  تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ پاش قىلىش تېلېفونىدا پاش قىلغۇچىلارغا خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە  تىلدا ئادەم كۈچى ئارقىلىق ياكى ئاپتوماتىك يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ