|
ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بۇيىل 1 مىليون228 مىڭ مو يەردىكى بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. بۇغداي ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 537 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 140 مىڭ توننا ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
ۋىلايەت بىلەن ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لەر، ناھىيە(شەھەر)لەر بىلەن يېزا – بازار(مەيدان)لار ئوتتۇرىسىدا بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش، سېتىپ بېرىش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاندى ھەم بۇ ناھىيە(شەھەر) لەر خىزمىتىنى يىللىق باھالاش، تەكشۈرۈپ سىناش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. مەمۇرىي باشلىق مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى قىلىندى. ‹‹ئومۇمىي مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئۆزىگە قالدۇرۇپ ئېشىنىش›› پرىنسىپى بۇيىچە بۇغداي تېرىغۇچى، سېتىپ بەرگۈچى دېھقانلارغا بىۋاسىتە ئاشلىق ياردەم پۇلى، ئۇرۇقلۇق ياردەم پۇلى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئونىۋىرسال ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش تېخنىكىسى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇلدى. نەتىجىدە، بۇ يىل ۋىلايەت بۇيىچە بۇغداينىڭ ئەمەلىي تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون 228 مىڭ 300 موغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 310 مىڭ مو كۆپەيدى. ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 437 كىلوگرامغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 11.1 كىلوگرام ئېشىپ، تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
|