باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
كېيىنكى يېرىم يىلدا تېبابەتچىلىك–دورىگەرلىك–سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى لايىھىسىگە پىكىر ئېلىنىدۇ
2008- 06- 30 12:36 شىنجاڭ گېزىتى

    يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك سەھىيە نازارىتى باشلىقلىرى خىزمىتى يىغىنىدا سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى چېن جۇ مۇنداق دېدى: سەھىيە مىنىستىرلىكى كېيىنكى يېرىم يىلدا ئۈچ ئىشنى نۇقتىلىق تۇتىدۇ: بىرىنچى، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىك، كومىتېتلار تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك – سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى لايىھىسىگە ئاشكارە پىكىر ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ. ئىككىنچى، تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك – سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى لايىھىسىگە يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ھۆججەتلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ. ئۈچىنچى، تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك – سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ.

    ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن بەزى يېڭى قاراش، يېڭى پىكىرلەرنى تولۇق قوبۇل قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك – سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى لايىھىسىگە يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ھۆججەتلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كونكرېتلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ھۆججەتلەرگە ياخشى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جايلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلارنى تاللاش پرىنسىپى، ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى ئويلىشىش؛ جايلاردا قانات يايدۇرۇلغان نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە تەجرىبە توپلاش؛ نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باھالاش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. جايلارمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

 ‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ