|
يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىكى توردا مەملىكەت بويىچە تولۇق كۇرس بويىچە 226 كەسىپنى پۈتكۈزگەن ستۇدېنتلارنىڭ 2004 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تېخنىكا پەنلىرىدە ئوقۇغان ستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت قۇرۇلۇشى كەسپى، بايلىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تۆت يىل ئۇدا %95تىن يۇقىرى بولغان؛ كان ئېچىش كەسپى، ئاپتوموبىل قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىمۇ ئۇدا تۆت يىل%90 تىن %95 كىچە بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، باغۋەنچىلىك، ئۆسۈملۈك ئاسراش، چايچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى كەسپى ۋە يىڭنە سانچىپ داۋالاش، داغلاپ داۋالاش، ئۇۋىلاش كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ بۇلتۇرقى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىمۇ خېلى ياخشى بولغان.
ئەمما بەزى قىزىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئانچە ياخشى بولمىغان. بۇلتۇر خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە سودا كەسپى، ساياھەتچىلىكنى باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى%85 كىمۇ يەتمىگەن، بازار باشقۇرۇش كەسپى، بوغالتىرلىق، ئادەم كۈچى بايلىقى كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى%85، ئاخبارات كەسپى ۋە دىكتورلۇق، رىياسەتچىلىك كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى%70 %80، قانۇنچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى%80 ئەتراپىدا بولغان. چەت ئەل تىلى كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەر ئارىسىدا گېرمان تىلى بىلەن ئىسپان تىلى كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى%85 تىن يۇقىرى بولغان.
‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن
|