باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
10خىل قىلمىش قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ
2008- 06- 30 12:30 شىنجاڭ گېزىتى

    يېقىندا دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ‹‹قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە مەدەت بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش››نى ئېلان قىلدى.

    ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئاپەت بولغان رايونلارنى قايتا قۇرۇشقا زۆرۈر پولات، سېمونت، ياغاچ ماتېرىياللىرى، مۇھىم بېزەش ماتېرىياللىرى قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سۈپىتىنى قاتتىق ئىگىلەپ، 10 خىل قىلمىشنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، ئۇلار: كىنىشكىسىز ياكى دائىرىدىن ھالقىپ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش؛ دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي خاراكتېرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى سېتىش؛ دۆلەت پەرمان چۈشۈرۈپ ئەمەلدىن قالدۇرغان ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلىگەن پولات ماتېرىياللىرىنى سېتىش؛ ئورۇن بەلگىسى تولۇق بولمىغان، بەلگە بىلەن سۈپىتى ئۇيغۇن كەلمىگەن، سۈپەت كۆرسەتكۈچى لاياقەتسىز سېمونتنى سېتىش؛ ساختا مەھسۇلاتلارنى سېتىش؛ باشقىلارنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ماركىسىنى ئىشلىتىش؛ گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن ماركا، داڭلىق ماركىلارنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىش؛ باشقىلارنىڭ زاۋۇت نامى، ئادرېسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىش؛ ئېلان ئارقىلىق مەھسۇلات سۈپىتىنى ساختا تەشۋىق قىلىش؛ بازارنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىش، بېسىم ئىشلىتىش، باھانى ھە – ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈۋېتىشتەك قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلار.

 ‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ