باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
2008- 06- 30 12:19 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى27 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن 6 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئېلىمىز ۋە دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش كېرەك.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە  يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئېلىمىزنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى دۆلەت كىلىمات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لو يۇڭ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە تەجرىبىخانىسىدىكى پروفېسسور خې جيەنكۇن چۈشەنچە بەردى ۋە ئېلىمىزنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا پىكىر – تەكلىپ بەردى.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىدى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

   خۇ جىنتاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە شۇنداقلا سانائەتلىشىش، بازارلىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم باسقۇچتا تۇرماقتا. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسىمۇ ناھايىتى جاپالىق، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ۋە خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە،  دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

   خۇ جىنتاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى تىزگىنلەش تەدبىرىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا، جۇڭگوچە يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە  ئېنېرگىيىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئايلانما ئىقتىساد، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، ئېتىز – ئېرىق ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ ۋە ئۇنى ياخشى تەقسىملەپ، ئېكولوگىيىنى قوغداشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىنى باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، پەن – تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش رولىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئاستىلىتىش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىش ساھەسىدىكى مۇھىم تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە سىناق قىلىشنى تېزلىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۇل تەتقىقات، كىلىمات ئۆزگىرىشى ساھەسىدىكى خەلقئارا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى زور كۈچ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئائىت قانۇن – نىزاملارنى، ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە باھا ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل ئاپەت تۈرىنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى، كۆپ تارماق قاتناشقان تەدبىر بەلگىلەش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، پۈتكۈل جەمئىيەت قاتنىشىدىغان ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان ھەرىكەت مېخانىزمىنى،  بولۇپمۇ ناچار ھاۋارايى ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارى، تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، پۈتكۈل جەمئىيەت قاتنىشىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

   خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى دەپ قاراپ، ئۇنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۆز رايونى، تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ‹‹11 –  بەش يىل››دا بېكىتىلگەن ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما  ئازايتىش نىشانىغا يېتىش كېرەك. ۋەزىپە ئېغىر، ۋاقىت قىس، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر سالماقنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي تېز ئىلگىرىلەپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما  ئازايتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما  ئازايتىشنى ستاتىستىكا قىلىش سىستېمىسى، كۆزىتىش سىستېمىسى، تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلىك ئوبدان تۇتۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما  ئازايتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما  ئازايتىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشى كېرەك.     

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ