باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
2008–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇرچېكى ئېلان قىلىندى
2008- 06- 30 12:16 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى 28 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2008 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى.

   بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە بېكىتىلدى:

   ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى (ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز)لارنىڭ ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە 1 – تۈركۈمدىكىسىنىڭ، يەنى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 410 (ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى27 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك)؛ 2 – تۈركۈمدىكىسىنىڭ، يەنى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ 388( ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 26 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك)؛ 3 – تۈركۈمدىكىسىنىڭ، يەنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل ئىنستىتۇت ۋە 2 –  دەرىجىلىك ئىنستىتۇتلىرىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ 350(ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 25 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك)؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە 1 – تۈركۈمدىكىسىنىڭ، يەنى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 374 (ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 31 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك)؛ 2 – تۈركۈمدىكىسىنىڭ، يەنى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ 347( ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 30 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك)؛ 3 – تۈركۈمدىكىسىنىڭ، يەنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل ئىنستىتۇت ۋە 2 – دەرىجىلىك ئىنستىتۇتلىرىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ 320 (ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 28 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك)؛ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئىجتىمائىي پەننىڭ 290 (ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 23 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك)؛ تەبىئىي پەننىڭ 285 (ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 26 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك).

   خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارخىپ چىقىرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە 1 – تۈركۈمدىكىسىنىڭ، يەنى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپلىرىنىڭ 420 نومۇر؛ 2 – تۈركۈمدىكىسىنىڭ، يەنى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپلىرىنىڭ 381 نومۇر؛ 3 – تۈركۈمدىكىسىنىڭ، يەنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل ئىنستىتۇت ۋە 2 – دەرىجىلىك ئىنستىتۇتلىرىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ قوبۇل قىلىنىدۇ؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە 1 – تۈركۈمدىكىسىنىڭ، يەنى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپلىرىنىڭ 418 نومۇر؛ 2 – تۈركۈمدىكىسىنىڭ، يەنى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا 398 نومۇر؛ 3 – تۈركۈمدىكىسىنىڭ، يەنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل ئىنستىتۇت ۋە 2 – دەرىجىلىك ئىنستىتۇتلىرىغا يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ قوبۇل قىلىنىدۇ. مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن بويىچە بىردەك يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

   ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەنتەربىيە تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىشتا، تەنتەربىيە كەسپىي ئىمتىھان نەتىجىسى 75 نومۇر، مەدەنىيەت پەنلىرىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى 270 نومۇر بولۇشى كېرەك. مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە كەسپىي ئىمتىھان نەتىجىسى 73 نومۇر، مەدەنىيەت پەنلىرىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى 245 نومۇر بولۇشى كېرەك. سەنئەت تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت كەسپىي ئىمتىھان نەتىجىسى يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ قوبۇل قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى 208 نومۇر بولۇشى كېرەك. مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، سەنئەت كەسپىي ئىمتىھان نەتىجىسى يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ قوبۇل قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى 200 نومۇر بولۇشى كېرەك.

   خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەنتەربىيە تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىشتا تەنتەربىيە كەسپىي ئىمتىھان نەتىجىسى 75 نومۇر، مەدەنىيەت پەنلىرىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى 270 نومۇر بولۇشى كېرەك. مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، تەنتەربىيە كەسپىي ئىمتىھان نەتىجىسى 74 نومۇر، مەدەنىيەت پەنلىرىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى 255 نومۇر بولۇشى كېرەك. سەنئەت كەسپىي تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، سەنئەت كەسپىي ئىمتىھان نەتىجىسى يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ قوبۇل قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى 272نومۇر بولۇشى كېرەك، مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، كەسپىي ئىمتىھان نەتىجىسى يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ قوبۇل قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى 203 نومۇر بولۇشى كېرەك.

   خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىمۇ مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە قوبۇل قىلىنىدۇ.

   ئىگىلىنىشچە، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي مائارىپ سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن. گەرچە بۇ يىل يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلار بۇلتۇرقىغا قارىغاندا سەل ئازايغان (600 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچى 2012 بولۇپ، 2007 – يىلىدىكىدىن 146 ئادەم ئازايغان) بولسىمۇ، ھەرقايسى تىلدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا قاتلام باسقۇچىدىكىلەرنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلىغان. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر ۋە خەنزۇ تىلدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلىغان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ