|
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 28 – ئىيۇن كەچتە پايتەخت پولات – تۆمۈر باش شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى جۇ جىمىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ لېچۈەن ئالدى بىلەن پايتەخت پولات – تۆمۈر باش شىركىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پايتەخت پولات – تۆمۈر شىركىتى مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق چوڭ كارخانا گۇرۇھى شۇنداقلا ئەڭ بۇرۇن پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويغان كارخانا بولۇپ، كۆلەم، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە مەملىكىتىمىزدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ۋاڭ لېچۈەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئاساسىدا يۇقىرى قاتلامدا، كۆپ ساھەدە ھەمكارلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.
جۇ جىمىن پايتەخت پولات – تۆمۈر شىركىتى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پايتەخت پولات – تۆمۈر شىركىتى شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىدۇ بولۇپمۇ كۆمۈر، نېفىت خىمىيە ۋە ئۆي – زېمىن جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، لى جى، ليۇ يەنلياڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
|