باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ خۇلاسە ئىمتىھانى ‹‹ئوقۇش سەۋىيىسىنى سىناش ئىمتىھانى›› دەپ ئۆزگەرتىلىدۇ
2008- 06- 30 12:05 تەڭرىتاغ تورى

       مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مائارىپ تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەتتىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ خۇلاسە ئىمتىھانىنىڭ نامى كېلەر يىلىدىن باشلاپ ‹‹تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيىسىنى سىناش ئىمتىھانى ›› دەپ ئۆزگەرتىلىدىكەن . ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئەمەلىي تېخنىكىسىمۇ ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەن قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكتىن ، خۇلاسە ئىمتىھان ئېلىنىدىغان توققۇز پەن 11 پەنگە كۆپەيتىلىدىكەن .

     ئىگىلىنىشچە ، بۇ يىل سېنتەبىردە دەرسلىك ئىسلاھاتى رەسمىي يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىدىكى چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك پەن جەمئىي 15 بولىدىكەن . ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى بەلگىلىك ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشىشى كېرەككەن . ئۈچ يىلدا 144 نومۇر ئالسا ، ئاندىن ئوقۇش پۈتتۈرەلەيدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك پەن – نومۇرى 116 بولىشى كېرەككەن . ئەدەبىيەت ، ئىنگىلىزتىلى ، ماتېماتىكا ، ئىدىيە – ئەخلاق ، تارىخ ، جۇغراپىيە ، فىزىكا ، خىمىيە ، بىئولوگىيە ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ھەممىباپ تېخنىكا چوقۇم ئوقۇپ ئىمتىھان بېرىدىغان پەن بولىدىكەن .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ