|
خەيرىگۈل ئىبراھىم
ماتېماتىكا چىنلىقنى، ئەمەلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان پەن بولۇپ، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئاساسى. ماتېماتىكا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجادچانلىق، ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرىدۇ. مېنىڭچە، ماتېماتىكا دەرسى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
1. ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتقۇچىسىدا ئوقۇتۇش نىشانى ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئوقۇتۇش نىشانى –– ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا يەتمەكچى بولغان نىشانى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى نىشاننىڭ ئەمەلىلىشىشى ئۇچۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، بىلىم قۇرۇلمىسى، بىلىش دەرىجىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ ئابىستراكت ۋە مەۋھۇم نىشان بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. مەسىلەن: بىر سىنىپتا دەرستە ئەلا، ئوتتۇرا، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كۆپرەك يېتەكلىشى، دەرس ۋاقتىدا ئاددىي مەسىلىلەرگە قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا، ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان ئۆگىنىش قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە يېتەكلەشى كېرەك.
2. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا ئۇنىۋېرسال بىلىم بولۇشى كېرەك. يېڭى دەرس ئۆلچىمى ۋە دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە تۈزۈلگەن ماتېماتىكا دەرسلىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۇنىۋېرسال بىلىم تەلەپ قىلىدۇ. يېڭى دەرسلىكنى مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر دەرس مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىم، مەسىلەن: ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىپ بىر سائەتلىك دەرس ئۆتمەكچى بولسا، شۇ سائەتلىك دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بولغان فېزىكا، خىمىيىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىگە يولۇقۇپ قالسا، ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا ئۇنىۋېرسال بىلىم بولۇشى كېرەك.
3. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچى ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدۇ. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا بىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا قارىتا يېتەرلىك چۈشەنچە بولغاندىلا، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ.
4. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا توغرا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولۇشى كېرەك. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ماتېماتىكا ئوقۇتۇشنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ھالقا. بىر سائەتلىك ماتېماتىكا دەرسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش – بولماسلىقى تاللىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا باغلىق بولىدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا ئەتراپلىق باش قاتۇرۇشى كېرەك.
5. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولغان تاپشۇرۇق بېرىشى كېرەك. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئۇنىۋېرسال تاپشۇرۇق بېرىشى كېرەك. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا تاپشۇرۇققا سەل قارىماسلىق، بېرىلگەن تاپشۇرۇقنىڭ مەزمۇنى مول، شەكلىنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق، ئىزدىنىش روھىنى قوزغاش كېرەك.
(ئاپتور: كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن يېزىلىق مەركىزى مەكتەپتىن)
|