|
پەرىدەم تۇردى
ماتېماتىكا دەرسى ئاساسلىق پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مۇئەييەن قوللىنىشچانلىققا ۋە ئەمەلىيلىككە ئىگە. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكا دەرسىنىڭ قوللىنىشچانلىقى بىلەن ئەمەلىيەتچانلىقىنى چىقىش قىلىپ، ئوقۇغۇچىنى يېتەكلەشكە ماھىر بولۇش بىلەن بىللە، ئۇلار بىلەن ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىجاتچانلىق بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.
ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسلىكىگە قىزىقماسلىق، ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ئىلمى نەتىجىسى تۆۋەن بولۇشىنى تەھلىل قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە تولۇق قاتناشتۇرۇشى، ئوقۇتۇش لايىھىسى، پىلانلىرىنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق تۈزۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي مەشىقنى ئىشلەشكە تەشكىللىشى، تەجرىبىلىك دەرس ئۆتۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەرسنى چۈشىنىشلىك ئۆتۈشى، سائەتلىك دەرسنى خۇلاسىلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك.
ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكا دەرسى ئۆتۈشتە دەرسلىككە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەتراپلىق ماتېرىيال كۆرۈپ پۇختا تەييارلىق قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا كۆڭۈل قويۇپ چۈشەندۈرۈپ، مۇھىم مەزمۇنلارنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق قاتلاملار بويىچە چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگىلەشكە يېتەكلەشتە، ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى باشقىلارغا ئۆرنەك قىلدۇرۇپ، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. ئۆتۈلگەن دەرسنى تەكرارلىغاندا، يېڭى دەرسنى بىلىش ئاسانغا چۈشىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىپ تەكرار قىلىشقا تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىشى كېرەك.
ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى يەنە تاپشۇرۇق بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنىڭ مىقدارى مۇۋاپىق بولۇشى، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل تەھلىل قىلالايدىغان دائىرىدىكى بىلىملەر ھەم شۇ سائەتلىك دەرسنى پۇختا ئىگىلىۋېلىشقا، كېيىنكى سائەتلىك دەرس ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە مۇئەييەن ياردىمى بولىدىغان مەزمۇنلار بويىچە تاللاپ تاپشۇرۇق بېرىپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، توغرا، ئەستايىدىللىق بىلەن باھالاش پىكرى يېزىشى كېرەك. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى داۋامىدا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا جانلىق، چۈشىنىشلىك بولۇش، ئوقۇتۇش مىتودى ياخشى بولۇش، قوزغىتىش، ئىلھاملاندۇرۇش، يېتەكلەش ئۇسۇلى، جەدۋەللەشتۈرۈش ئۇسۇلى، سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ جانلىق قوللىنىشى كېرەك. ھەر بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ياراملىق ئىزباسارلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتەك ئۇلۇغۋار غايىنى قەلبىگە پۈكۈپ، يۈكسەك پىداكارلىق روھى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى تەربىيىسىدە مول نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش يولىدا جاپالىق تەر ئاققۇزۇشى كېرەك.
(ئاپتور: بورتالا شەھەرلىك چىندىل 7 – باشلانغۇچ مەكتەپتىن)
|