|
مەغپىرەت ئابدۇرېھىم
ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى يېڭىدىن تۈزۈلگەن خىمىيە دەرسلىكنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا، مېنىڭچە، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
1. ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى يېڭىدىن تۈزۈلگەن خىمىيە دەرسىنى ئوقۇتۇشى خىمىيە دەرس مۇھاكىمىسدە يەككە ئوقۇغۇچىنىڭ مۇستەقىل ئوي پىكرى بىلەن كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئىنكاسىنى ئاڭلاپ، توغرا تەرىپىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئۆز ئارا ئىلھام بېرىش ۋە بىر بىرىگە ياردەملىشىشكە يېتەكلىشىشى، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
2. خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى خىمىيە دەرسلىكىدىكى مۇھاكىمە تېمىلىرىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلى ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، تەجرىبە، مۇھاكىمىگە تەشكىللىشى ۋە تەجرىبە پىلانى لاھىيىسىنى تۈزۈشى كېرەك. چوڭ ياكى قىيىن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق يول كۆرسىتىشى كېرەك.
3. خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا خىمىيە دەرسلىكىدىكى مەسىلىنى بايقىتىپ، شۇ مەسىلە ئۇستىدە ئورتاق ئىزدىنىشى ۋە مۇھاكىمىگە ئۇيۇشتۇرۇشى، بايقىغان مەسىلىلەرنى ئەركىن ئازادە مۇھاكىمىگە قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھاكىمە ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ باھا بېرىشى، گۇرۇپپىلاردا مۇھاكىمە قىلغاندا ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىك قىلىشى، سىنىپ بويىچە مۇھاكىمە قىلغاندا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپ پىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلار مەىسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ئىپادە بىلدۈرۈشكە ئالدىرىماي، ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپلىق بىلەن مەسىلىلەرنى تولۇقلاشقا، مۇلاھىزە قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
4. خىمىيە ئوقۇتقۇچى خىمىيە ئوقۇتۇشىدىكى مەركىزىي ھالقىنى چىڭ تۇتۇشى، قوشۇمچە مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋالماسلىقى، تېمىدىن چەتنەپ كەتكەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.
(ئاپتور: خوتەن پىداگوگىكا مەكتىپىدىن)
|