|
ئامانگۈل سۇلايمان
سىياسىي، ئىدىيە دەرسى نەزەرىيىۋىلىكى كۈچلۈك، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت گىرەلىشىپ كەتكەن، سەزگۈرلۈكى بىر قەدەر يۇقىرى، پاكىتلىق ئىسپاتلارنى كۆپرەك تەلەپ قىلدىغان پەن. سىياسىي، ئىدىيە دەرسى ئومۇمى جەھەتتىن ئىقتىسادتىن ساۋات، ماركسىزملىق پەلسەپە، سىياسىدىن ساۋات قاتارلىق ئۈچ چوڭ مەزمۇندىن تەركىب تاپقان. ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئالدى بىلەن تۈرگە ئايرىپ تەكرار قىلدۇرۇپ ئاندىن بۇ تۈرلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئاساسىي بىلىمنى، ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلىتىش ئىنتايىن مۇھىم.
تۆۋەندە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قوللانغان بىر نەچچە تۈرلۈك تەكرار قىلىش جەريانىدا ھاسىل قىلغان تەجرىبەمنى كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
1. سىياسەت تېمىسىدىكى مەزمۇنلارنى تەكرارلاشتا، نەزەرىيىۋى باھالارنى ئەمەلىي چۈشەندۈرۈپ، ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق ئۇقۇم ۋە قانۇنىيەتلەرنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش، ماتېرىياللارنى تەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلالايدىغان، ئاساسىي پىكىرگە يانداش مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك. يەنە ئىقتىسادنىڭ سىياسەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، سىياسەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە نۇقتىلىق توختىلىپ، بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈش كېرەك.
2. ماركسىزملىق پەلسەپە تېمىسىدىكى مەزمۇنلارنى تەكرارلاشتا، تېمىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىش كېرەك. ھەممىمىزگە ئايان، ماركسىزملىق پەلسەپە نەزەرىيىۋىلىكى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئابىستراكت پەن. شۇڭا، بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلارنى تەكرارلاشتا ھەرخىل پەلسەپىۋى قائىدىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر.
3. سىياسىدىن ساۋات تېمىسىدىكى مەزمۇنلارنى تەكرارلاشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل دۆلەت تۈزۈلمىسى، ھەر خىل سىياسىي تۈزۈملەرگە بولغان تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، سىياسىي تۈزۈمى، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى تۈزۈمى، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سىياسىتى، ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە دىن – مىللەتلەر سىياسىتى قاتارلىقلارنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەر خىل تۈزۈملىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈملىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئىمتىھان مەيدانىدا جانلىق ئىشلىتىش، مەسىلىلەرنى ئاساسىي نۇقتىنى چىقىش قىلىپ قاراتمىلىقى بۇلغان ھالدا تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش كېرەك.
( ئاپتۇر: مارالبىشى ناھىيە چوڭقۇرچاق يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
|