|
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، قاتناش نازارىتى، مالىيە نازارىتى بىرلىشىپ تارقاتقان ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئولامبايدىن بەنفاڭگو، شۈيشىگۇغىچە بولغان تاشيولىدا پونكىت قۇرۇپ ئاپتوموبىل يول يۈرۈش ھەققى ئېلىشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› دا، تەڭرىتاغ يولى ھەق يىغىش پونكىتى لىنىيە بويىدىكى تەۋەلىك رايونىدىكى ئورۇنلار ۋە ئاھالىلەرگە قارىتا ھەقنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئېنىق بەلگىلەنگەن ئىدى. ئۇنداقتا بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئەمەلىيلەشتىمۇ؟
تۈرلۈك بېسىملارنىڭ تەسىرىدە، يېقىندا تەڭرىتاغ يولى ھەق يىغىش پونكىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى شوپۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىش مەزكىزىگە بېرىپ ئىش بىجىرىدىغان ئاممىدىن تاق يۆنىلىشلىك ھەق ئېلىشنى باشلىدى، لېكىن بېرىپ – كېلىش ۋاقتىنى يېرىم سائەت ئىچىدە كونترول قىلىشنى، بولمىسا ئەسلىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قوش يۆنىلىشلىك ھەق ئېلىنىدىغانلىقىنى بېكىتتى، ئەمدىلا پراۋا رەسمىيىتىنى بىجىرگەن ۋۇ ئۇستام مۇنداق دېدى: يېرىم سائەت ئىچىدە قانداقمۇ پراۋا ئالماشتۇرۇپ بولغىلى بولسۇن، چۈنكى سىز ئاۋۋال سۈرەتكە چۈشىسىز، يەنە سالامەتلىك تەكشۈرتىسىز، 11 تۈر بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى تاماملىغاندىن كېيىن، پراۋىنى قولىڭىزغا ئالالايسىز، بۇنىڭغا 2 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.
بۇ نوقتىنى تەڭرىتاغ يولى مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن جۈنمىڭمۇ ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن ۋاقىتنى ئۇزارتىشنى ئويلاشمىدى، خەن جۈنمىڭ مۇنداق دېدى: نۇرمال رەسمىيەت بىجىرىشكە 2 سائەت كېتىدۇ، بۇ ئىككى سائەتتە كىچىك ئاپتوبىل بىلەن نەنسەنگە بېرىپ بىر ئايلىنىپ كەلگىلى بولىدۇ، شۇڭا، كىشىلەرنىڭ پراۋا بېجىرگەنلىكى ياكى ساياھەتكە بارغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى شوپۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىش مەركىزى ۋە ھەر قايسى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ تۈرلۈك ئاپتومۇبىللىرى مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇ ئاپتوموللار ھەر كۈنى ھەق يىغىش پونكىتىدىن كۆپ قېتىم كىرىپ –چىقىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېرىپ– كېلىشكە پەقەت 2 كېلومېتىردىن كۆپرەك يول يۈرىدىغان بولغاچقا، ئېتىبار بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، خەن جۈنمىڭ بۇنداق ئەقىلگە مۇۋاپىق تەلەپگە نىسبەتەن مۇنداق دېدى: بىز بۇ تەلەپكە قوشۇلۇپ، ھەقنى ئازايتساق، كەچۈرۈم قىلساق، بۇ سانغا كارخانا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ دېسىڭىز، ئەينى ۋاقىتتا دوكلاتنى تۈزگەن ۋاقىتتا، ئاپتوموبىللارنىڭ كىرىپ –چىقىش ئەھۋالى كونا ھەق يىغىش پونكىتىدا تەكشۈرۈلگەن، بۇ يەردىكى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىشتا بارلىق ئاپتوموبىللار ئىچىگە كىرگۈزۈلدى.
يېرىم سائەتتە تاق يۆنىلىشلىك ھەق يىغىش ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن، ھەق يىغىش تەتقىقات دوكلاتىدا يەنە شوپۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىش مەركىزى ۋە شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىدىكى بارلىق ئاپتوموبىللار پۈتۈن سوممىدا ھەق ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىللار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 3 تارماق تەلەپ قىلغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قانداقمۇ ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولسۇن؟
|