باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ياخشى مەكتەپ مۇدىرى بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
2008- 06- 30 11:54 شىنجاڭ گېزىتى

مېھرىگۈل مەينەم

   ئاساس مائارىپى دەرس ئىسلاھاتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەكتەپ مۇدىرى ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا تونۇشى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشى، مائارىپشۇناسلارچە قابىلىيەت، سىياسىيونلارچە مەيدان، جەمئىيەتشۇناسلارچە قاراش، ئىقتىسادشۇناسلارچە يۈزلىنىش ھازىرلىشى كېرەك. بولۇپمۇ مەكتەپ مۇدىرى ئالاھىدە يېتەكلەش، تەشكىللەش، باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە، ئالدىن كۆرەرلىككە، يېڭى ئىدىيىگە، مول كەسپىي بىلىمگە، دەۋر ئېقىمىغا ماس ئىسلاھات روھىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

   مائارىپ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ساھەسى شۇنداقلا ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىدىغان بازا ۋە ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەيدىغان بۆشۈك. لاياقەتلىك مەكتەپ مۇدىرى بولۇش ئۈچۈن، مېنىڭچە، مەكتەپ مۇدىرىدا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك:

   1. مەكتەپ مۇدىرى مائارىپ مۇتەخەسسىسى، پىشقان سىياسەتچى بولۇش بىلەن بىللە، مائارىپ نەزەرىيىسى، مائارىپ قانۇنلىرى، مائارىپ سىياسەتلىرى، پېداگوگىكا، پسىخولوگىيە بىلىملىرىنى بىر قەدەر پۇختا ئۆگەنگەن بولۇشى كېرەك.

   2. مەكتەپ مۇدىرىدا ھازىرقى دەۋر مەكتەپ باشقۇرۇش قارىشى تىكلەنگەن بولۇشى، يېڭىچە بولغان مەكتەپ، تەلىم – تەربىيە، ئوقۇش – ئوقۇتۇش، ساپاسى ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك.

   3. ئوقۇش – ئوقۇتۇشقا بولغان كەسپىي ساپانى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، مەكتەپ تەلىم – تەربىيىسىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇشى، ئائىلە، جەمئىيەت تەربىيىسىنى بىردەك ماسلاشتۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك.

   4. مەكتەپ مۇدىرىدا يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە رىقابەت ئېڭى تۇرغۇزۇلغان بولۇشى كېرەك.

   5. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان روھقا ھەم يۇقىرى پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك.

   6. ھەر خىل كەسىپ ئىگىلىرىگە ئادىل باھا بېرىپ، كۆزىتىش، بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاشقا كۈچ چىقىرالايدىغان بولۇشى كېرەك.

   7. زېھنىنى ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قارىتالايدىغان بولۇشى، مەكتەپتە يولغا قويۇشقا بولىدىغان ھەر خىل قائىدە – تۈزۈم لايىھىلىرىنى تۈزەلەيدىغان، ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

   8. مەكتەپ مالىيە ئەھۋالىدىن بەلگىلىك مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى، مالىيە قائىدە – تۈزۈملىرىنى توغرا ئىجرا قىلالايدىغان، مەكتەپ خىراجىتىنى دەل جايىغا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

   9. ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مەكتەپنىڭ تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدىيىسى تۇرغۇزۇلغان بولۇشى كېرەك.

   10. مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتالايدىغان ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇش نىشانى تۇرغۇزۇلغان بولۇشى كېرەك.

 (ئاپتور: پىچان ناھىيىسى لەمجىن بازارلىق مەركىزىي مەكتەپتىن)

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ