|
تېكەس ناھىيىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ‹‹ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، مېيىپلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش›› تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، مېيىپلەر خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ ناھىيە بۇ يىل مالىيىدىن 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە دېھقانچىلىق، باقمىچىلىق قوشۇمچە خىراجىتى تارقاتتى. ناھىيىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى مېيىپلەرگە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىن 30 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، 600 مېيىپنى ئەسقاتىدىغان ھۈنەر – كەسىپ بىلەن ھەقسىز تەربىيىلىدى. ئىدارە – ئورۇن، شەخسلەرنى مېيىپلەرگە ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ھازىرغىچە 11 مىڭ 400 يۈەن ئىئانە توپلاپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر مېيىپلەرگە تارقىتىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر يىل بېشىدىن ھازىرغىچە، ناھىيە بويىچە 1700 مېيىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
|