باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ستۇدېنتلار مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنى بىردىنبىر تاللىشى قىلىۋالماسلىقى كېرەك
2008- 06- 30 11:47 شىنجاڭ گېزىتى

  ئەخمەت مۇھەممەت

   نۇرغۇنلىغان ستۇدېنتلار خىزمەت تېپىشتا مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىشتىن باشقا چىقىش يولى يوقتەك ھېس قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە،  ئىش ئورۇنلىرى ستۇدېنتلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ستۇدېنتلار يىراقنى كۆرۈپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىنى تاللىسا بولىدۇ.

   بۇ يىلقى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ستۇدېنتلارنى ئۇچراشتۇرۇش يىغىنىدا، ئادەم تەكلىپ قىلىشقا قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ %80 ى كارخانا بولغاچقا، ستۇدېنتلارنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپلىگەن ستۇدېنت ئىدارە – ئورگانلاردىكى ئىش ئورۇنلىرىغا بەستە – بەستە تىزىملاتقان، بۇ، ستۇدېنتلارنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق ‹‹ئەمەلدار بولۇش›› ئىدىيىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

   مەمۇر بولۇش بىردىنبىر تاللاش ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر ستۇدېنتنىڭ ئۆز كەسپىي ۋە ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. ئەگەر ستۇدېنتلارنىڭ ھەممىسى مەمۇرلۇققا ئىنتىلسە، ئۆگەنگەن كەسپىي بىلىملىرىنىڭ قىممىتى بولامدۇ؟  ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ستۇدېنتلار ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، نېمە قىلىشنى ئويلىسا، شۇنى قىلالايدىغان، ئىشەنچكە تولغان ياشلار بولۇپ، بۇ ئارتۇقچىلىقلار ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى  ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. مەمۇرلۇققا ئىنتىلىش ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ستۇدېنتلاردا ئۆز كەسپىنى تاللاش بىلەن ‹‹ئەمەلدار بولۇش›› ئوتتۇرىسىدىكى تاللاشتا تېڭرىقاپ قالماسلىقى كېرەك.

   ئادەم ئۆمرىدە نۇرغۇن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. ستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر مەسىلە. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىشقا  ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالدى.  دارۋېن: ‹‹ماسلىشالايدىغانلىرى ھايات قالىدۇ›› دېگەنىدى. بىزدە يەنە: ‹‹جاھان ساڭا باقمىسا، سەن جاھانغا باق›› دېگەن ھېكمەت بار. شۇڭا، ستۇدېنتلار جەمئىيەتنى چۈشىنىپ، نىشاننى توغرا تاللاپ، كىشىلىك تۇرمۇش تاللىشىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. ‹‹ھەر ھۈنەرنىڭ باردۇر ئاقىدىغان يېرى، ھەر ھۈنەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇستىسى  –  پىرى›› دېگەندەك،  ستۇدېنتلار  مەمۇر بولۇشتىن ئىبارەت بىرلا يولغا كىرىۋالماسلىقى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ