|
ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر 1 – ئايدىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئۆلچەم بويىچە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلدا 1500 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ دائىرىسىگە ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم، چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكومى، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، ئالىي مەكتەپ قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم قاتارلىق مەكتەپلەر كىرىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى رەسمىي ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئىگە 1 – ۋە 2 – يىللىقتىكى يېزا نوپوسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە شەھەر، يېزا – بازارلاردىكى شەھەر نوپۇسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەمدە شەھەر ئاھالىلىرى ئىچىدىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلار بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. يېزا نوپۇسى ۋە شەھەر، يېزا – بازارلاردىكى شەھەر نوپۇسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈپ باھالاش ئېلىپ بېرىلمايدۇ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ.
نۇۋەتتە، ئاقسۇ شەھەرلىك 6 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى 731 ئوقۇغۇچى دۆلەتنىڭ 1مىليون 96 مىڭ 500 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى.
|