|
جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى سۆھبىتىدە يېقىندا مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى. ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان ‹‹چۈنشياۋ›› نېفىتلىكى، گازلىقىنى ئېچىش توغرىسىدا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ 17 – ئىيۇن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ شەرقىي دېڭىزغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزچىل تەشەببۇسى ۋە مەيدانى ئۆزگەرمىدى، ‹‹چۈنشياۋ›› نېفىتلىكى، گازلىقى تامامەن جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى جاي، ئورتاق ئېچىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شەرقىي دېڭىز پاسىلى مەسىلىسىدە، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاتالمىش ‹‹بىتەرەپ بەلباغ››نى ئېتىراپ قىلماسلىق مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ.
‹‹چۈنشياۋ›› نېفىتلىكى، گازلىقى نىڭبۇ شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 350 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شەرقىي دېڭىزنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ‹‹چۈنشياۋ››، ‹‹سەنشۆ››، ‹‹دۈەنچياۋ›› ۋە ‹‹تيەنۋەيتيەن››دىن ئىبارەت تۆت نېفىتلىك، گازلىقتىن تەركىب تاپقان. ئومۇمىي كۆلىمى 22 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، 2004 – يىلى 8 – ئايدا ئەمەلىي ئېچىش باسقۇچىغا كىرگەن. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى يېقىندىلا: جۇڭگونىڭ ‹‹چۈنشياۋ›› نېفىتلىكى، گازلىقىنى ئېچىشى ياپونىيە تەرەپ بىلەن تالاش – تارتىش بولمىغان جۇڭگونىڭ يېقىن دېڭىزىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىكى نورمال ھەرىكەت، دېگەنىدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|