|
جەنوبىي ئافرىقىدىكى جۇڭگولۇقلار سەككىز يىل بۇشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق تارىخىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. پرېتورىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئاخىرى: جەنوبىي ئافرىقىدىكى جۇڭگو قان سىستېمىسىدىن بولغانلار نېگىرلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. 18 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 30: 10 دا ئالىي سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن بۈگۈندىن ئېتىبارەن باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش قانۇن لايىھىسى ۋە نېگىرلار ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش قانۇن لايىھىسى جەنوبىي ئافرىقىدا تۇرۇپ قالغان جۇڭگو قان سىستېمىسىدىن بولغان پۇقرالارغىمۇ تەدبىقلىنىدىغان بولدى، ئەمدى جەنوبىي ئافرىقىدىكى جۇڭگولۇقلار ئىلگىرى نېگىرلارلا بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن نۇرغۇن پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى.
جەنوبىي ئافرىقىدا 1994 – يىلىدىن ئىلگىرىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق مەزگىلىدە جۇڭگولۇقلار ‹‹رەڭلىك ئىرق›› دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، نېگىرلار بىلەن ھىندىلارغا ئوخشاش ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمىتىنىڭ كەمسىتىشى ۋە ئادىل بولمىغان مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان. 1994 – يىلى جەنوبىي ئافرىقىدا ئىرقىي يارىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەم دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ماندېلا جەنوبىي ئافرىقا تارىخىدىكى تۇنجى نېگىر زۇڭتۇڭ بولدى، شۇ چاغدىكى ئاساسىي قانۇندا جەنوبىي ئافرىقىدىكى جۇڭگولۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پۇقرالار باراۋەر ھوقۇققا ئىگە، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. 1999 – يىلى جەنوبىي ئافرىقا باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ قانۇن لايىھىسىدە جەنوبىي ئافرىقا تەۋەلىكىدىكى نېگىرلار، ئارغۇنلار ۋە ھىندىلار ‹‹نېگىرلار›› دەپ ئاتىلىپ، بۇ قانۇن لايىھىسىدە بەلگىلەنگەن بارلىق ئېتىبار سىياسىتى تەتبىقلىنىدىغان بولدى. 2004 – يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان نېگىرلار ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش قانۇن لايىھىسىدە باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش قانۇن لايىھىسىدىكى بۇ ئۆلچەم قوللىنىلدى. لېكىن بۇ ئىككى قانۇن لايىھىسىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىرقىي تەۋەلىكى ئالاھىدە كۆرسىتىلمىدى، شۇڭا ئەمەلىي قوللىنىش جەريانىدا جۇڭگولۇقلار ئىرقىي ئايرىمىچىلىقتىن كېيىنكى 2 – قېتىملىق ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىدى.
جەنوبىي ئافرىقا جۇڭخۇا باش جەمئىيىتى 2000 – يىلدىن باشلاپ جەنوبىي ئافرىقا ئەمگەك مىنىستىرلىكى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەمگەك ئىشلىرى كومىتېتىغا خەت يېزىپ، جەنوبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىرقىي تەۋەلىكىنى ئىنىق ئايرىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى. 2004 – يىلى 11 – ئايدا جەنوبىي ئافرىقىنىڭ ئەمگەك مىنىستىرى ھۆكۈمەت خىزمىتى يىغىنىدا: جەنوبىي ئافرىقىدىكى جۇڭگولۇقلار ئىرقىي تەۋەلىكىنى ئىنىق ئايرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، سوت مەھكىمىسىدىن جۇڭگولۇقلارغا باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش قانۇن لايىھىسىنىڭ تەتبىقلىنىدىغان – تەتبىقلانمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بۇ كۈرەش ئۇدا سەككىز يىل داۋام قىلىپ، ئاخىرى غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى.
جۇڭخۇا باش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جۇڭ ئەپەندى ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ غەلىبە جەنۇبىي ئافرىقا جەمئىيىتىدىكى جۇڭگولۇق ياشلارنىڭ كەلگۈسىدە مەكتەپتە ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسپىي تەربىيىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىك نېگىرلارغا ئوخشاش ئېتىبارلىق تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ تارىخىي ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقا جەمئىيىتىدە ناھايىتى زور ئىنكاس قوزغىدى، چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس – بەستە خەۋەر قىلدى. يەرلىك نېگىرلار بىلەن ھىندىلار بۇ ھۆكۈمنى بىردەك قوللاپ: جۇڭگولۇقلار ئىرقىي ئايرىمىچىلىق مەزگىلىدە باراۋەر بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغان، شۇڭا باشقا كەمسىتىلگەنلەرگە ئوخشاش ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك، دەپ قارىدى. ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|