|
ئابدۇۋەلى مەخپۇللا
ياخشىراق بازار پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىچىلىقتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، كارخانىچىلىرىمىز چوقۇم ھازىرقى تەرەققىيات شارائىتىغا ماس كېلىدىغان، بازارنىڭ قانۇنىيىتى ۋە باشقا مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى كارخانىلارنىڭ ئەمەلىيىتى ئىسپاتلىغان، ئىنتايىن زۆرۈر بولغان بىرقانچە ئاڭنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
بىرىنچى، ھۆكۈمەت سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش زۆرۈر. ھۆكۈمەتنىڭ بازار سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش، بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلارنى يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئوبدان ئىگىلەش ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش، شۇنداقلا ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى بازار ئىگىلىكىنىڭ مېخانىزمىدىن پايدىلىنىش ئېڭى كارخانىچىلىرىمىز يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك ئەڭ تەخىرسىز ئاڭدۇر. كارخانىچىلار مۇئەييەن بازار سىياسىتى مۇھىتىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار كەسىپ سىياسەتلىرىگە ماسلىشىشنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، تەرەققىي قىلىشىدا تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، كارخانىلار بىر جەھەتتىن ھەرقايسى كەسىپلەردىكى سىستېمىلىق، ئۆلچەملىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن، كارخانىنى زورايتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىسىدىكى بىرقەدەر ئۈنۈملۈك پۇل – مۇئامىلە، پەن – تېخنىكا، كەسىپ سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پايدىلىق ئامىللاردىن ئىزچىل بەھرىمەن بولالايدۇ.
ئىككىنچى، ئىختىساس ئىگىلىرىگە تايىنىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش زۆرۈر. بەزى كارخانىچىلىرىمىز سودىگەرچىلىك ئاساسىدا تەدرىجىي كارخانىچىلىق يولىغا ماڭغان. ھالبۇكى، بازار ئىگىلىكى مېخانىزمنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، بۈگۈنكى بازار مۇھىتى كارخانىچىلاردىن مەبلەغ بىلەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى، يەنى كاپىتال بىلەن بىلىمنى بىرلەشتۈرۈشنى، شۇنداقلا پەن – تېخنىكىغا، ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا تايىنىشنى تەلەپ قىلماقتا. شۇڭا ئەنئەنىۋى تىجارەتچىلىك ئۇسلۇبىدىكى بەزى كارخانىچىلارنىڭ ئىختىساسلىق خادىملاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئىختىساسلىقلاردىن پايدىلىنىش ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، ئۆز كارخانىسى تەۋەلىكىدە ئىلمىي تەشكىللەش ئارقىلىق باشقۇرغۇچى ۋە پەن – تېخنىكا تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار زاپاس قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈش؛ يەنە بىرى، كارخانىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا جەمئىيەتتە قوزغاتقىلى بولىدىغان (ھەرقايسى تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئەقلىي مۈلۈك مەنبەلىرىدىن، پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى باشقۇرغۇچى ئاپپارات خادىملىرىدىن، شۇنداقلا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىكى غوللۇق خادىملاردىن تەركىب تاپقان) مۇتەخەسسىسلەر مەنبەسىنى تەشكىللەش. چۈنكى، كارخانىلارنىڭ بازار رىقابىتى كەلگۈسىدە مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت مەزمۇنىدىن ھالقىپ، ئىختىساس ئىگىلىرى ساھەسىگە كېڭىيىدۇ.
ئۈچىنچى، ئىناۋەتلىك كارخانا ئوبرازىنى تىكلەش ئېڭىنى كۈچەيتىش زۆرۈر. كارخانىنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئورنى ۋە سىجىل ئوبرازى شۇ كارخانىنىڭ دۇرۇس مۇددىئاسى، جەمئىيەت ۋە بازار بوشلۇقىنى ساغلام، سۈپەتلىك ماددىي ۋە مەنىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ھازىر، كارخانىچىلىقىمىزنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولسىمۇ، بەزى كارخانىلىرىمىزدا ئىستېمال مۇھىتىغا تېزلا كىرىپ، بىرەر كەسىپتە ئۇرۇپ – سوقۇپ تىجارەت قىلىدىغان، سۈپىتى تۆۋەن مەھسۇلاتلارنى پەردازلاپ ئىستېمالچىلارنى قاقتى – سوقتى قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. خەلقىمىزنىڭ ئىستېمال بوشلۇقىدا سانائەت ئامىللىرى ئەمدىلا پەيدا بولۇۋاتقان شارائىتتا، ھەرقانداق يېڭى كەسىپنىڭ (سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىماي) پۇل تېپىپ كېتىش پۇرسىتى يوقمۇ ئەمەس. دەل مۇشۇنداق بازار بوشلۇقى خەلقنىڭ ئىستېمال ساغلاملىقىنى ئويلاشمايدىغان، پەقەت پۇل تېپىشنىلا مەقسەت قىلىدىغان پۇرسەتپەرەسلەرگە يوچۇق بولماقتا. بۇ ھال باشقا كارخانىلىرىمىزنىڭ دۇرۇس مەھسۇلاتلىرىغا نېسبەتەن گۇمان پەيدا قىلىپ، ئەمدىلا بىخلىنىۋاتقان سانائىتىمىزنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە.
تۆتىنچى، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرلەيدىغان بىرىكمە كۈچ ئېڭىنى تۇرغۇزۇشى زۆرۈر. خەلقىمىزنىڭ قەدىمكى يىپەك يولى گۈللەنگەن دەۋىرلەردىكى سودا مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى ئەينى زاماندىكى ‹‹كارۋان›› تۈزۈلمىسىدىكى تىجارەت پائالىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەت ئەزالىرىمىز پەقەت مەشرەپ سورۇنىدا بىر مۇقامغا دەسسىيەلەيدىغان، ئەمما تىجارەت سورۇنىدا ھەركىم ئۆز ئالدىغا ‹‹يالغۇز ئېتىنى چاپتۇرىدىغان›› ھالەت پەيدا بولدى. شېرىكچىلىك، پايچىلىق تۈزۈمى خەلقىمىزنىڭ تىجارەت مۇھىتىدا تېخى شەكىللەنمىدى. ئەمما، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي مۇھىتىدا ۋىنجۇلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئەندىزىسىنىڭ پۈتكۈل جۇڭگودا مۆجىزە ياراتقانلىقىدىن ھەممەيلەننىڭ خەۋىرى بار. خەلقىمىزنىڭ مەبلىغىنى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈپ، يوشۇرۇن ئىقتىسادىي مەنپەئەت بوشلۇقىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىگىلەش ئۈچۈن، چوقۇم كارخانىلىرىمىزدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، بىرىكمە تەرەققىيات كۈچىنى ھاسىل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ھەمكارلىشىپ، ئۇيۇشۇپ تەرەققىي قىلىش ئاڭ جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەككە كارخانىلارنىڭ يۈكسەك ھەمكارلىق ئېڭى ۋە پرىنسىپى پەقەت ئورتاق بىر تەرەققىيات نىشانىغا مۇجەسسەملەنگەندىلا، يېڭىچە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈزۈلمىسىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇ.
(ئاپتور شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن، كاندىدات تەتقىقاتچى)
|