|
.موڭغۇلىيە دۆلەتلىك سايلام باش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 29 – ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 7دىن باشلاپ، موڭغۇلىيە بۈيۈك خورال سايلىمى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 26 سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىلەت تاشلاشقا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان.
.پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق تەشكىلاتى خاماسنىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل ئەمەلدارى 29 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: ‹‹بۈگۈن، ئىسرائىلىيە گازا رايونى بىلەن تۇتىشىدىغان ئىككى چېگرا ئېغىزىنى قايتا ئېچىۋېتىپ، بىر قىسىم يېقىلغۇ ماي ۋە ماللارنىڭ كىرىشىگە يول قويدى›› .
·قۇياش ئېنىرگىيىسى، شامال ئېنىرگىيىسى قاتارلىق يېڭىچە ئېنىرگىيە مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىشنىڭ تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن، ياپونىيە ئىقتىساد ۋازارىتى بۇ يىل 7–ئايدىن باشلاپ، توك ھەققى يىغىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى ھەمدە يېڭىچە ئېنىرگىيە مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش تەننەرخىنىمۇ بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ ئويلاشتى.
·ھىندىستان ساقچى دائىرىلىرى 29 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: ‹‹بۈگۈن، ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئاسسام ئۆلكىسىدە بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندىمۇ 6 ئادەم ئۆلدى، 35 ئادەم يارىلاندى›› .
·پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ باياناتچىسى ئابباس 29 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: ‹‹بۈگۈن، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايوندا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى ئۆلدى، 5 كىشى يارىلاندى›› .
·29 – ئىيۇن تاڭ سەھەردە، روسىيە لېنىنگىراد ئوبلاستى چېگرىسى ئىچىدە، بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئۇزۇن يوللۇق بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 9 ئادەم ئۆلدى، 16 ئادەم يارىلاندى.
·ئىراق ساقچى دائىرىلىرى 29 – ئىيۇن مۇنداق دېدى:‹‹بۈگۈن، سەلەخدىن ئۆلكىسىدە ئاپتوموبىل بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 7 ساقچى ئۆلدى›› .
|