باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا تېز خەۋەرلەر
2008- 06- 30 11:23 شىنجاڭ گېزىتى

   . ب د ت باش كاتىپى بان كىمون 26 – ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ شۇ كۈنى يادرو پىلانىنى يوللىغانلىقىنى ئالقىشلىدى ھەم سۆھبەتكە قاتناشقان ئالتە تەرەپنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 2005 – يىلىدىكى ‹‹4 – قېتىملىق ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئورتاق باياناتى››نى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  .  غەززە رايونىنى كونترول قىلىۋاتقان پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) ‹‹ھۆكۈمىتى›› 26 – ئىيۇن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: پەلەستىندىكى ھەر قايسى قوراللىق گۇرۇھلار ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى كېرەك، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان ھەر قانداق كىشى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

   . تاسس ئاگېنتلىقىنىڭ 27 – ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئەتىيازدىن بۇيان، روسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدا 123 يەردە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، كۆلىمى 28 مىڭ 200 گېكتارغا يەتكەن.

   . فىلىپپىن ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، فىلىپپىندا 26 – ئىيۇن كەچكىچە، ‹‹شامال ئىلاھى›› ناملىق تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىدە 622 كىشى قازا قىلىپ، 945 كىشىنىڭ ئىز – دېرىكى بولمىغان.

  . ھىندونېزىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى 27 – ئىيۇن، بىر ئايروپىلانىمىز 26 – ئىيۇن دۆلىتىمىزدە يوقاپ كەتتى، ئايروپىلاندىكى 18 كىشىنىڭ ھازىرغىچە دېرىكى يوق ، دېدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى    

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ