باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008– يىللىق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە جەمئىيەتتىن ئاشكارە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانى باشلاندى
2008- 06- 30 11:23 تەڭرىتاغ تورى

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008– يىللىق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە جەمئىيەتتىن ئاشكارە ھالدا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانى 6–ئاينىڭ 28–كۈنى باشلاندى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 24 مىڭ 598 كىشى ئىمتىھانغا قاتناشتى.

     6–ئاينىڭ 28–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەشكىلات ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئىمتىھان نۇقتىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈردى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008– يىللىق ئالاھىدە ئورۇنلارغا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىدا 3 مىڭ 361 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، 2 مىڭ 412 ئورۇنغا چېتىلىدىكەن. بۇ قېتىم مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 24 مىڭ 598 كىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 16 رايوندا ئىمتىھانغا قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 23 مىڭ 967 گە، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن كەلگەنلەر 631 گە يەتتى. ئىمتىھان بېرىشكە قاتناشقانلار ئومۇمىي سانى 2007– يىلدىكىدىن 7 مىڭ 231 ى كۆپ بولدى ھەمدە تارىختىن بۇيان ئىمتىھان بېرىشكە قاتناشقانلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولدى.

     ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا مائارىپ سەۋىيىسىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈش، يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز‹‹ئىختىساس ئىگىلىرى زاپاس ئىشتاتى پىلانى ۋە يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئورۇن تەسىس قىلىش پىلانى››نى تۈزۈپ چىقتى. بۇ يىل بۇ پىلان يولغا قويۇلغان 3– يىلى بولۇپ، تەكلىپ قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلىق ئورنى ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ‹‹ئىككى ئاساسەن›› ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىدىغان ناھىيىلەر ۋە چەت، يىراق رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچى يېتىشمەيدىغان مەكتەپلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى سانى يېتىشمەسلىك، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىپ، يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسەد قىلىنىدۇ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ