|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق باش شتابىنىڭ باش قوماندانى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قوماندانلىق باش شتابىنىڭ 22 – قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، قايتا قۇرۇشتا ئىلمىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئالدى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شەھەر، بازار، يېزا، كەنت ئۇل ئەسلىھە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر تۆۋەندىكىچە: (1) شەھەر، يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن تۇرالغۇسىنى رېمونت قىلىش، قايتا سېلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قۇيۇش كېرەك. (2) قاتناش، ئالاقە، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، شەھەر مەمۇرىيىتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا فۇنكسىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھەم گېئو شارائىت ۋە شەھەر، يېزىلارنىڭ جايلىشىشىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇ يەردىكى شەھەر، يېزا پىلانى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، كاپالەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. (3) بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىش كېرەك. (4) بازارنى يېتەكچى قىلىپ، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، كەسىپ سىياسىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان كارخانىلارنى ئەسلىي ئورنىدا قايتا قۇرۇش، ئورۇن يۆتكەپ قۇرۇش ياكى ئېتىش، توختىتىش، بىرلەشتۈرۈشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى، مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. (5) بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، ئېھتىياجنى قاندۇرۇش، خەلققە قۇلاي، بىخەتەر بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رولغا ئىگە بازار مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئالدى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قايتا قۇرۇپ، بازار مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. (6) تەبىئەتكە، قانۇنىيەتكە، پەنگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيىنى قوغداش ۋە مۇھىت تۈزەشنى كۈچەيتىپ، نوپۇس، بايلىق، مۇھىتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئۇزاق مەزگىللىك ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە، چوقۇم ئىلمىي پىلانلاپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈپ، تۈرلەرگە بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى خۇي لياڭيۈ، دۆلەت كومىسسارى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ما كەي ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
|