باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ3 –يىغىنى ئاياغلاشتى
2008- 06- 30 11:18 شىنجاڭ گېزىتى

ۋۇباڭگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنى تۈرلۈك كۈنتەرتىپنى تاماملاپ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئاياغلاشتى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق سىچۇەننىڭ ۋېنچۇەندە يۈز بەرگەن زور يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەم ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان 2008 – يىللىق مەركەز خام چوتىنى تەڭشەش لايىھىسى تەستىقلاندى.

   كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ سىچۇەننىڭ ۋېنچۇەندە يۈز بەرگەن زور يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەم ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى قارارى قاراپ چىقىلدى، بۇ دوكلات توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. قاراردا ئالدىنقى باسقۇچلۇق يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى ھەم يۇقىرى باھا بېرىلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش تەستىقلاندى.

   يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 2008 – يىللىق مەركەز خام چوتىنى تەڭشەش لايىھىسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان 2008 – يىللىق مەركەز خام چوتىنى تەڭشەش لايىھىسىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

   يىغىندا يەنە ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق ئەھدىنامىسى››نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇق – ھەمكارلىق شەرتنامىسى››نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ياردىمى ھەمكارلىقى شەرتنامىسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللىنىپ، يۇقىرىقى ئەھدىنامە ۋە شەرتنامىلەر تەستىقلاندى.

   يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى. ۋۇ باڭگو شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتىدىكى 3 – نۆۋەتلىك ئەزالارغا تەيىننامە تارقىتىپ بەردى.

   يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ماقۇللاندى. دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشى بويىچە، 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ھازىر بار ۋەكىل 2987 كىشى بولدى. يىغىندا يەنە باشقا تەيىنلەش – قالدۇرۇش لايىھىسى ماقۇللاندى.

   تۈرلۈك كۈنتەرتىپلەر تاماملانغاندىن كېيىن، كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى يېڭى زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ۋېنچۇەندە يۈز بەرگەن زور يەر تەۋرەش ئاپىتى، يىل بېشىدا يۈز بەرگەن تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق قار – مۇز ئاپىتى ھەم خەلقئارا بازاردا نېفىت، ئاشلىق قاتارلىق دەسلەپكى مەھسۇلات باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەمچى قەرز پۇل كرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشى دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلىرىگە ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلدى. بۇ پايدىسىز ئامىللار دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشتە ۋەزىيەت ھېلىھەم كەسكىن، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل. شۇڭا بىز جەزمەن ‹‹تەرەققىيات – چىڭ قائىدە›› دېگەن ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىدە قەتئىي بوشاشماستىن چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. بىر قولدا ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى، بىر قولدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە كۆرۈلگەن گەۋدىلىك زىددىيەتلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىلگىرىلەش يولىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىدىكى ‹‹ئۈچنى ئۆزگەرتىش››نى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ تېز بولۇشتىن زىيادە قىزىپ كېتىشكە ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز، باھانىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆسۈشىنىڭ كۆرۈنەرلىك پۇل پاخاللىقىغا ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئو ت م غا تەييارلىق كۆرۈش، تەشكىللەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق قوللاپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، بېيجىڭ ئو ت م نى ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ